تالان-تاراج قىلىنغان يېڭى ئېنېرگىيە بايلىقى 300 مىليارد كىلوۋات سائەتتىن ئاشقان

خىتاينىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2010-يىلىدىن تارتىپ باشلانغان ئاتالمىش «غەربنىڭ توكىنى شەرققە يەتكۈزۈش» نامىدىكى بۇلاڭ-تالاڭ جىنايىتىدە، ھازىرغا قەدەر خىتايغا يەتكۈزۈلگەن (شامال، قۇياش ئېنېرگىيەسى قاتارلىق) يېڭى ئېنېرگىيە توك مىقدارى جەمئىي 304 مىليارد 360 مىليون كىلوۋات سائەتكە يەتكەن.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، 304 مىليارد 360 مىليون كىلوۋات سائەت يېڭى ئېنېرگىيە توكى تەخمىنەن 92 مىليون توننا ئۆلچەملىك كۆمۈرنى تېجەپ قېلىشقا، تەخمىنەن 249 مىليون توننا كاربون تۆت ئوكسىدنى ئاز قويۇپ بېرىشكە باراۋەر ئىكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا سانجى-گۇچۈەن ±1100 كىلوۋولتلۇق، جەنۇبىي قومۇل-جېڭجۇ ±800 كىلوۋولتلۇق، قومۇل-چۇڭچىڭ ±800 كىلوۋولتلۇق ئۈچ دەرىجىدىن تاشقىرى يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى ئاساسىي گەۋدە قىلىنغان، ئىككى ئۆزگىرىشچان توك لىنىيەسى تولۇقلىما قىلىنغان سىرتقا توك چىقىرىش سىستېمىسى شەكىللەنگەن.

بۇلاردىن سىرت، 2025-يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە شەرقىي تۈركىستاندا 10 مىليون كىلوۋات دەرىجىلىك ئالتە يېڭى ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلغان بولۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە گېنېراتورلىرىنىڭ سىغىمى 160 مىليون كىلوۋاتتىن ئاشقان.

نۆۋەتتە خىتاي شەرقىي تۈركىستاننىڭ ئېنېرگىيە بايلىقىنى تېخىمۇ زور دەرىجىدە بۇلاڭ-تالاڭ قىلىشنى «دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش» تەرىقىسىدە قاتتىق تەكىتلەۋاتقان بولۇپ، ئالاقىدار خەۋەرلەردىمۇ بۇ جىنايەتلىرىنى ئالاھىدە ئۇتۇق سۈپىتىدە تەشۋىق قىلغان ۋە شەرقىي تۈركىستاننىڭ يېشىل توكىنىڭ خىتاينىڭ شەرق ۋە ئوتتۇرا قىسىم رايونلىرىدىكى توك ئىشلىتىش ئېھتىياجىنى تولدۇرغانلىقىنى، كارخانىلارنىڭ ئىشلەپچىقىرىشى ۋە خىتاي ئاھالىلىرىنىڭ تۇرمۇش توكىنى كاپالەت بىلەن تەمىنلىگەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 62 قېتىم كۆرۈلدى
19/03/2026 14:07:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق