ئىستانبۇلدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى

تۈركىيەدە پائالىيەت قىلىۋاتقان شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ ئورتاق تەشكىللىشى بىلەن، 21-مارت ئىستانبۇلنىڭ سەفاكۆي رايونىدا شەرقىي تۈركىستانلىقلار ھېيتلىشىش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.

پائالىيەتكە تۈركىيەدە ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلار، ھەرقايسى شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلىرىنىڭ مەسئۇللىرى، ۋەكىللىرى، جامائەت ئەربابلىرى، بىر قىسىم دۆلەتلەردىن كەلگەن ئەزىز مېھمانلار ئىشتىراك قىلدى.

قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى بىلەن باشلانغان پائالىيەتتە تەشكىلات مەسئۇللىرى، جامائەت ئەربابلىرى سالام سۆزى قىلىپ، ھېيت كۈنلىرىدەك قۇتلۇق ۋاقىتلاردا قېرىنداشلىقنى، بىرلىكنى كۈچەيتىشنىڭ مۇھىملىقى، شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى باشتىن كەچۈرۈۋاتقان، ھېيت خۇشاللىقىدىن مەھرۇم قېلىۋاتقان خەلقنى ئۇنتۇماسلىق كېرەكلىكى ھەققىدە توختالدى.

پائالىيەتنىڭ ئاخىرىدا ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ھېيت كۈنلىرىنى شاد-خۇرام ئۆتكۈزۈشى، ھېيت ئەنئەنىلىرىنىڭ داۋاملىشىشى ئۈچۈن، ئۇلارغا ھېيتلىق پۇل تارقىتىپ بېرىلدى.

بۇ خەۋەر 104 قېتىم كۆرۈلدى
21/03/2026 16:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق