خىتاي ھېيت كۈنىدە چەت ئەل ئەلچىلىرىنى يىغىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئاقلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، بۇ يىلمۇ رامىزان ئېيى ۋە روزا ھېيتنى باستۇرۇش، قاتتىق كونترول ئاستىدا تۇتقان بىر ۋەزىيەتتە،  20-مارت، يەنى روزا ھېيتنىڭ تۇنجى كۈنى بېيجىڭدا 40 دۆلەتنىڭ خىتايدا تۇرۇشلۇق ئەلچىلىرىنى، دىپلوماتلىرىنى يىغىپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى جىنايەتلىرىنى ئاقلىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى ئاتالمىش «شىنجاڭ گېزىتى»نىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، يىغىنغا خىتاي مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى ۋاڭ رۇيجۈن، مەركىزىي كومىتېت تاشقى ئىشلار ئىشخانىسىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى جۇ چىن، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىر ياردەمچىسى خۇڭ لېي قاتارلىق يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلار، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سېكرېتارى چېن شياۋجياڭ، قورچاق رەئىس ئەركىن تۇنىياز قاتارلىقلار قاتناشقان.

چېن شياۋجياڭ يىغىندا سۆز قىلىپ، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى»نى تولۇق، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرغانلىقىنى، «جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش»نى ئاساسىي لىنىيە قىلىپ، ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئارىلىشىشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتكەنلىكىنى، ئىنسانىي ھوقۇقلارنى كاپالەتلەندۈرۈشنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلغانلىقىنى، خەلقنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، مەدەنىيەت، دىنىي ئېتىقاد قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھوقۇقىنىڭ تولۇق ئىشقا ئاشۇرۇلغانلىقىنى ئېيتىپ بىلجىرلىغان.

باشقا خىتاي ئەمەلدارلىرىمۇ سۆز قىلىپ، ئاتالمىش «جەمئىيەت مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىك»نى شەرقىي تۈركىستاندىكى «خىزمەتلەر»نىڭ باش نىشانى قىلغانلىقىنى، شەرقىي تۈركىستاننىڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى ئەۋزەللىكىدىن پايدىلىنىپ، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى تېخىمۇ كۈچەيتىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشقان.

ھالبۇكى، نۆۋەتتە شەرقىي تۈركىستاندا، خىتاينىڭ سەپسەتىلىرىنىڭ دەل ئەكسىچە، ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان ۋە تېخىمۇ قاتتىق، ئىزچىل ئىجرا قىلىشقا ئىشارەت قىلىنىۋاتقان بولۇپ، خىتاينىڭ بۇ خىل كۆز بويامچىلىق ھەرىكەتلىرى يىللاردىن بۇرۇن داۋاملاشتۇرۇپ كېلىۋاتقان ئۇرۇنۇشلىرىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ.

مەزكۇر يىغىن دەل روزا ھېيتنىڭ 1-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان بولسىمۇ، تارقالغان سىنلار، ئۇچۇر-مەلۇماتلار شەرقىي تۈركىستان خەلقىنىڭ بۇ يىلمۇ رامىزان ئېيىنى ئىبادەتسىز، ھېيت كۈنلىرىنى چەكلىمە، نازارەت ئاستىدا ئۆتكۈزۈلگەنلىكىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە. خىتاي بۇ يىلمۇ خۇددى ئىلگىرىكىدەكلا روزا ھېيت كۈنىنى قەستەن بىر كۈن كېچىكتۈرۈپ بېكىتكەن.

ئىلگىرىكى يىللاردا خىتاي ساختا خەۋەر، ۋىدىيولارنى تارقىتىپ، ئۇيغۇرلارنىڭ رامىزاندا روزا تۇتۇش، ناماز ئوقۇش، ھېيت كۈنى توپلىشىپ ھېيت نامىزى ئوقۇش قاتارلىق ئىبادەت، پائالىيەتلىرىدىن توسالغۇسىز بەھرىمەن بولغانلىقىدەك ساختا كۆرۈنۈشنى ئوتتۇرىغا چىقىرىشقا ئۇرۇنۇپ كەلگەن بولسا، بۇ يىل بۇ خىل ساختا تەشۋىقات ھەرىكەتلىرىدىنمۇ ۋاز كەچكەن. پەقەت خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى روزا ھېيت كۈنى ئۇيغۇرلارنىڭ خىتايلار بىلەن «بىر ئائىلە كىشىلىرىدەك» بىللە ھېيت ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەشۋىق قىلىش ئارقىلىق، بۇ مۇبارەك كۈنلەرنى ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى» تەشۋىقاتى ئۈچۈن كوزىر سۈپىتىدە پايدىلانغان.

بۇ خەۋەر 85 قېتىم كۆرۈلدى
23/03/2026 13:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق