
پۈتۈن دۇنيانىڭ دىققىتى ئىران-ئىسرائىلىيە-ئامېرىكا ئۇرۇشىغا مەركەزلەشكەن بىر ۋەزىيەتتە، خىتاي ھەربىي ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ بۇ ھەپتە بىريۇسېسلدا شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن سۆھبەتلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلدى.
جەنۇبىي خىتاي سەھەر گېزىتىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ياۋروپا ئىتتىپاقى-خىتاي بىخەتەرلىك ۋە مۇداپىئە سۆھبىتى بۇ سەيشەنبە ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى (NATO) بىلەن خىتاي ئارمىيەسى خەلقئارا ھەربىي ھەمكارلىق ئىشخانىسىنىڭ سۆھبىتىمۇ ئوخشاش ھەپتىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
ناتو ئەمەلدارى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ناتو بىلەن خىتاينىڭ پۇقراۋى ۋە ھەربىي يوللار بىلەن قەرەللىك سۆھبەتنى ساقلاپ كەلگەنلىكىنى، ئىتتىپاقنىڭ بىخەتەرلىك ھەمكارلىقىنى قوغداش ئۈچۈن، باراۋەر تەرىقىدە ئوچۇق-ئاشكارىلىقنى بەرپا قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، 8-قېتىملىق خىتاي-ناتو بىخەتەرلىك سىياسىتى سۆھبىتى ۋە 14-قېتىملىق خىتاي-ياۋروپا ئىتتىپاقى مۇداپىئە ئورگانلىرى بىخەتەرلىك سىياسىتى سۆھبىتى ئوخشاشلا 2024-يىلى مارت ئېيىدا بېيجىڭدا ئۆتكۈزۈلگەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بىر نەچچە كۈن بۇرۇن بۇ ھەقتىكى سوئالغا دۇچ كېلىپ، بۇ مەسىلىنى خىتاينىڭ مەسئۇل ئورگانلىرىدىن سوراش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.