خىتاي مۇتەخەسسىس: تالىبان شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى مەسىلىسىدە تەلىپىمىزنى قاندۇرمىدى

يېقىندا پاكىستان ۋە ئافغانىستانغا تەكشۈرۈش ئۈچۈن بارغان بىر خىتاي مۇتەخەسسىس تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ خىتاي «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى» ھەققىدە ئوتتۇرىغا قويغان تەلەپلەرنى تولۇق قاندۇرمىغانلىقىنى ئاشكارىلىدى.

شاڭخەي خەلقئارالىق مۇناسىۋەت ئىنستىتۇتى جەنۇبىي ئاسىيا تەتقىقات مەركىزىنىڭ مۇدىرى ليۇ زۇڭيى بۇ يىلنىڭ بېشىدا ئافغانىستان ۋە پاكىستانغا تەكشۈرۈشكە بارغان بولۇپ، بىر نەچچە كۈن بۇرۇن خىتايدىكى كۆزەتكۈچى تورىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، ئافغانىستاننىڭ ئومۇمىي ۋەزىيىتى، خىتاي-ئافغانىستان مۇناسىۋىتى ھەققىدە تەپسىلىي توختالغان.

كۆزەتكۈچى تورى مۇخبىرى ليۇ زۇڭيىدىن تالىبان ھۆكۈمىتىنىڭ «تېررورلۇقنى يوقىتىش» مەسىلىسىگە قانداق پوزىتسىيەدە بولۇۋاتقانلىقىنى سورىغاندا، ئۇ: «بىخەتەرلىك تېمىلىرى، بولۇپمۇ ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى›گە ئالاقىدار مەسىلىلەر بىز بىلەن ئافغانىستان تالىبانلىرى ئوتتۇرىسىدىكى ئالاقىدە ئەڭ قىيىن تۈگۈنگە ئايلىنىپ قالدى. ئۇلار ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى› تەشكىلاتىنىڭ نۆۋەتتە پۈتۈنلەي ئۆزلىرىنىڭ كونتروللۇقىدا ئىكەنلىكىنى ئىشەنچ بىلەن ئېيتقان بولسىمۇ، ئەمما خىتاي تەرەپنىڭ مۇناسىۋەتلىك تەلەپلىرىنى تولۇق قاندۇرۇشنى خالىمايدىغانلىقىنىمۇ ئېنىق ئىپادىلىدى» دېگەن.

ئۇ بۇنىڭ سەۋەبلىرى ھەققىدە توختىلىپ، تارىخىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ‹شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى›دىكى نۇرغۇن ئەزالار ئىلگىرى تالىبانلار بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلغاچقا، سەپداشلىق مېھرى بار ئىكەنلىكىنى؛ دىنىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئىككى تەرەپنىڭ ئوخشاشلا ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلىدىغانلىقىنى؛ ئەنئەنە جەھەتتىن ئېيتقاندا، پۇشتۇلارنىڭ قەبىلە ئەنئەنىسىگە ئاساسەن، ئۇلارنىڭ پاناھلىق تىلىگۈچىلەرنى تاپشۇرۇپ بېرىش ئەمەس، بەلكى قوغداش مەجبۇرىيىتى بارلىقىنى؛ ئىجتىمائىي جەھەتتىن ئېيتقاندا، ئۇلار بىلەن يەرلىك ئافغانلار ئوتتۇرىسىدا قۇدىلىق قاتارلىق ئىجتىمائىي ئالاقىلەرنىڭ مەۋجۇت ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ليۇ زۇڭيى نۆۋەتتە «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»نىڭ تالىبان ھۆكۈمىتىگە سادىق بولىدىغانلىقى ھەققىدە قەسەم بەرگەنلىكىنى ھەمدە ھۆكۈمەتنىڭ بىر قىسىم رايونلارنىڭ تەرتىپىنى ساقلىشىغا ياردەملىشىۋاتقانلىقىنى، بۇ رېئال ۋەزىيەت ئالاقىدار دىپلوماتىك مەسىلىلەرنى تېخىمۇ مۇرەككەپلەشتۈرۈۋەتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، ئافغانىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ خىتاي ئىشلىرىغا مەسئۇل بىر ئەمەلدارى ئۇلارنى ئەيىبلەپ، خىتاينىڭ ئۆتكەن بەش يىلدا ئافغانىستانغا بەرگەن پۇلىنىڭ ئامېرىكا بىلەن ياۋروپا ئىتتىپاقى ئافغانىستانغا بىر يىلدا بەرگەن پۇلنىڭ پارچە قىسمىغىمۇ يەتمەيدىغانلىقىنى ئېيتقان. خىتاي ۋەكىللىرى بولسا ئافغانىستاننىڭ ھازىرقى ئەھۋالغا كېلىپ قېلىشىغا غەرب ئەللىرىنىڭ سەۋەبچى ئىكەنلىكىنى، شۇڭا ئۇلارنىڭ مەجبۇرىيىتى ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ بولسا پەقەت ئىنسانپەرۋەرلىك نۇقتىسىدىن ياردەم قىلىۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلىشقان.

مەزكۇر خىتاي مۇتەخەسسىسنىڭ بايانلىرى نۆۋەتتىكى خىتاي-ئافغانىستان مۇناسىۋىتىنى، كەلگۈسى يۆنىلىشىنى مەلۇم دەرىجىدە يورۇتۇپ بەرگەن بولۇپ، خۇسۇسەن «شەرقىي تۈركىستان ئىسلام ھەرىكىتى»گە ئالاقىدار بايانلىرى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ، ئانالىزچىلارنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

بۇ خەۋەر 128 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2026 12:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق