خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىدا باستۇرۇپ كىرىش ۋەقەسى يۈز بەردى

خىتاينىڭ توكيودىكى باش ئەلچىخانىسىدا «باستۇرۇپ كىرىش» ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ياپونىيە ھۆكۈمىتىگە نارازىلىق بىلدۈردى.

ئالاقىدار خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، بۈگۈن (24-مارت) چۈشتىن بۇرۇن بىر ياپونىيەلىك ئەر خىتاينىڭ ياپونىيەدىكى باش ئەلچىخانىسىغا باستۇرۇپ كىرگەن، ئەمما قىسقا ۋاقىت ئىچىدە تىزگىنلەنگەن. ۋەقە جەريانىدا خىتاينىڭ ئەلچىخانا خادىملىرى ياكى باشقا خىزمەتچىلەر يارىلانمىغان.

مەزكۇر كىشى ئۆزىنىڭ ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ نۆۋەتتە ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرى ئىكەنلىكىنى ئېيتقان بولۇپ، ئالاقىدار ئورگانلار ۋەقەنىڭ ئارقا كۆرۈنۈشىنى، مەقسەت-نىشانىنى تەكشۈرمەكتىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈنكى ئاخبارات يىغىنىدا مەزكۇر ۋەقە ھەققىدىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، 24-مارت ئۆزىنى ياپونىيە قوغدىنىش قىسمىنىڭ ۋەزىپە ئۆتەۋاتقان ئوفىتسېرى دېگەن بىر ياپونىيەلىك ئەرنىڭ تامدىن ئارتىلىپ خىتاي ئەلچىخانىسىغا بېرىپ كىرگەنلىكىنى، بۇ جەرياندا خىتاينىڭ ئەلچىخانا خادىملىرىنى ئۆلتۈرىدىغانلىقى ھەققىدە تەھدىت سالغانلىقىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭدىن قاتتىق چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

ئۇ يەنە بۇ ۋەقەنىڭ «ياپونىيەدىكى رادىكال ئوڭچىل پىكىر ئېقىمى ۋە كۈچلىرىنىڭ ئىنتايىن ھەددىدىن ئاشقانلىقى» ۋە يېڭى شەكىلدىكى مىلىتارىزمنىڭ نۆۋەتتىكى يۈزلىنىش بولۇۋاتقانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىغانلىقى، شۇنداقلا ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ تارىخ، تەيۋەن قاتارلىق مەسىلىلەردىكى «خاتا سىياسەتلىرى تارقاتقان زەھەرنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكى»نى ئاشكارىلاپ بەرگەنلىكى، خىتاينىڭ ياپونىيەنى مەزكۇر ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە ۋە بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىشقا چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچىنىڭ بۇلتۇر 11-ئايدا تەيۋەن ھەققىدىكى بايانلىرى سەۋەبلىك، خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئىزچىل يىرىكلىشىپ ماڭماقتا.

بۇ خەۋەر 95 قېتىم كۆرۈلدى
24/03/2026 15:55:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق