
خىتاي مۇداپىئە سانائىتىنىڭ ئەڭ چوڭ شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان «خىتاي ئاۋىياتسىيە سانائىتى گۇرۇھى»نىڭ سابىق باش دىرېكتورى تەن رۈيسۇڭ ۋەزىپىسىدىن پايدىلىنىپ 700 مىليون يۈەندىن ئارتۇق قانۇنسىز كىرىم قىلىش، ئىچكى ئۇچۇرلارنى سىرتقا ئاشكارىلاش قاتارلىق جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىنىپ، ئىككى يىل كېچىكتۈرۈلگەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.