
خىتاي-ياپونىيە مۇناسىۋىتى ئىزچىل يىرىكلىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى 2026-يىللىق دىپلوماتىيە كۆك تاشلىق كىتابىدا خىتاي بىلەن بولغان مۇناسىۋىتىنى قايتا بېكىتىشنى پىلانلىغان.
رويتېرس ئاگېنتلىقىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى كېلەركى ئايدا «2026-يىللىق دىپلوماتىيە كۆك تاشلىق كىتابى»نى تەستىقلايدىغان بولۇپ، خىتايغا قارىتا «ئەڭ مۇھىم مۇناسىۋەتلەردىن بىرى» ئىبارىسىنى ئىشلەتمەيدىكەن ۋە بۇنىڭ ئورنىغا خىتاينى «مۇھىم قوشنا دۆلەت» دەپ بېكىتىدىكەن، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى بولسا «ئىستراتېگىيەلىك»، «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان» مۇناسىۋەت دەپ سۈپەتلەيدىكەن.
مەلۇم بولۇشىچە، دەسلەپكى لايىھەدە ئالدىنقى بىر يىل جەريانىدا ياپونىيە بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدىكى ۋەقەلەر، جۈملىدىن سىيرەك توپا ئېكسپورتى چەكلىمىسى، ياپونىيەنىڭ ھەربىي ئاۋىياتسىيە ئۈسكۈنىلىرىنى نىشانلاش، تەيۋەن بوغۇزىدىكى كۈچىيىۋاتقان ھەربىي بېسىم قاتارلىقلار تىلغا ئېلىنغان.
ياپونىيە باش ۋەزىرى سانائې تاكائىچى بۇلتۇر يېڭى ۋەزىپىگە ئولتۇرۇپلا، خىتايغا قارشى قاتتىق قول پوزىتسىيەسىنى ئوچۇق-ئاشكارا ئىپادىلەپ كەلگەن بولۇپ، خۇسۇسەن تەيۋەنگە ئالاقىدار سۆزلىرى سەۋەبلىك ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتى قاتتىق يىرىكلەشكەن. خىتاي تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن ياپونىيەگە بېسىم چۈشۈرگەن، تەھدىت سالغان بولسىمۇ، تاكائىچى ھۆكۈمىتى ھازىرغا قەدەر مەيدانىدىن يانماي تۇرماقتا.
بۇ دىپلوماتىك كىرىزىس ياپونىيە ھۆكۈمىتى پات يېقىندا ئېلان قىلىنىدىغان كۆك تاشلىق كىتابتىمۇ ئۆز ئىپادىسىنى تاپقان.