كانادادىكى خىتاي پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىشى غۇلغۇلا قوزغىدى

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك مىللەتلىرىنى مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى ئاللىبۇرۇن نوپۇزلۇق دوكلاتلار، گۇۋاھلىقلار بىلەن ئىسپاتلىنىپ بولغان، خۇسۇسەن غەرب ئەللىرىدە مۇنازىرە تەلەپ قىلىنمايدىغان مەسىلىگە ئايلىنىپ بولغان بىر ۋەزىيەتتە، كانادادىكى خىتاي مىللىتىدىن بولغان بىر پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىشى، پارلامېنت يىغىنىدا خىتاي ئەمەلدارلىرى تەكرارلاپ كېلىۋاتقان ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى.

26-مارت كانادا ئاۋام پالاتاسىنىڭ كومىتېت يىغىنىدا ئالىي تەتقىقاتچى مارگارىت جونستىن خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىللىرى ھەققىدە توختالغاندا، ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ 2024-يىلىدىكى دوكلاتىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، خىتاي ئىشلەپچىقارغان كۆپلىگەن توكلۇق ئاپتوموبىللار ۋە زاپچاسلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.

ھالبۇكى، خىتاي پارلامېنت ئەزاسى ما رۇڭجېڭ ئۇنىڭغا ئارقىمۇ ئارقا سوئال قويۇپ، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغان. ما رۇڭجېڭ ئۇنىڭدىن «سىزنىڭ تېخنىكا ۋە تور بىخەتەرلىكى ساھەسىدە ئالىي ئۇنۋانىڭىز بارمۇ؟...» دېگەندەك سوئاللارنى سوراپ، ئۇنىڭ سالاھىيىتىنى تۆۋەنلىتىشكە ئۇرۇنغاندىن سىرت، «سىز شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت، دەپ دەۋا قىلىسىز، بۇنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆردىڭىزمۇ؟ ئۆزىڭىز ئۇ يەرگە بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟ ياكى ئەپقاچتى گەپلەردىن ئاڭلىۋالدىڭىزمۇ؟» دېگەندەك، خىتاي ئەمەلدارلىرى تەكرارلاپ كېلىۋاتقان سەپسەتىلەرنى نومۇسسىزلارچە ئوتتۇرىغا تاشلىغان.

مارگارىت جونستىن ئۆزىنىڭ «ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتى» بىلەن يېقىن ئالاقىدە بولۇپ كەلگەنلىكىنى ئېيتىپ، سوئالغا جاۋاب بېرىشكە تىرىشقان بولسىمۇ، ما رۇڭجېڭ توختىماي ئۇنىڭ سۆزىنى بۆلۈپ، «ھەئە ياكى ياق» دەپلا جاۋاب بېرىشكە قىستىغان.

مەزكۇر دىيالوگ ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا تارقىلىپ كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. ئىنسان ھەقلىرى پائالىيەتچىلىرى، كانادادىكى باشقا پارلامېنت ئەزالىرى ما رۇڭجېڭنىڭ بايانلىرىغا كۈچلۈك نارازىلىق بىلدۈرگەندىن سىرت، خۇددى خىتاي رېجىمى بىلەن ئوخشاش زۇۋاندا گەپ قىلغان مەزكۇر خىتاي پارلامېنت ئەزاسىغا قارىتا تەكشۈرۈش باشلاش كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.

پارلامېنت ئەزاسى مايكىل داۋىد چوڭ بۇ ھەقتە توختىلىپ، ما رۇڭجېڭنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە گۇمان بىلەن قارىشىنىڭ كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بۇ مەسىلىدە ھېچقانداق شۈبھە يوق ئىكەنلىكىنى، سانسىزلىغان ئاخبارات ئورگانلىرى ۋە ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرىنىڭ بۇ ھەقتە خەۋەر، دوكلاتلارنى ئېلان قىلغانلىقىنى، كانادانىڭمۇ بۇ مەسىلە سەۋەبلىك تۆت شەخس ۋە بىر ئورگانغا جازا يۈرگۈزگەنلىكىنى، شۇنداقلا ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق مەھسۇلاتلارنىڭ كاناداغا كىرىشىنى چەكلەشكە تىرىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاي پارلامېنت ئەزاسى ما رۇڭجېڭ خوڭكوڭدا تۇغۇلغان بولۇپ، 12 ياش ۋاقتىدا كاناداغا كۆچۈپ كەلگەن. ئۇزۇن مەزگىل سىياسەت بىلەن شۇغۇللانغان ما رۇڭجېڭ بۇلتۇر دېكابىر ئېيىدا كونسېرۋاتىپلار پارتىيەسىدىن چېكىنىپ، لىبېرال پارتىيەسىگە قوشۇلغان. ئۇ بۇ يىل 1-ئايدا يەنە كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىيغا قوشۇلۇپ، بېيجىڭغا زىيارەتكە بارغان.

بۇ خەۋەر 93 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2026 15:34:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق