خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى پويىزلىرىنى تېخىمۇ كۆپەيتىشنى پىلانلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى»نى داۋاملىق كېڭەيتىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل يەنە ساياھەت مەخسۇس پويىزلىرىنى كۆپەيتىشنى پىلانلىغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، شەرقىي تۈركىستاندىكى تۆمۈريول تارماقلىرى يېقىندا ئۆتكۈزگەن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدا بۇ يىللىق پىلانىنى ئېلان قىلىپ، 2026-يىلى شەرقىي تۈركىستاندا ساياھەت مەخسۇس پويىزىدىن 100نى يولغا سالىدىغانلىقىنى، جەنۇب-شىمال ئارىسىدا بىۋاسىتە قاتناشنى كۆپەيتىدىغانلىقىنى، ۋىلايەت، ئوبلاستلاردىكى بوشلۇقنى تولدۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلغان.

خىتاينىڭ ئالاقىدار ئورگانلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 2025-يىلى شەرقىي تۈركىستانغا بارغان ساياھەتچىلەرنىڭ سانى جەمئىي 323 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، ساياھەت خىراجىتى 370 مىليارد يۈەنگە يەتكەن. بۇ رەقەملەر ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئايرىم-ئايرىم ھالدا %8 ۋە %8.4 ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى نۇقتىغا چىققان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاش ۋە زور ئىقتىسادىي كىرىمگە ئېرىشىش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردا زور تۈركۈمدە ساياھەت نۇقتىلىرى قۇرۇپ چىققاندىن سىرت، مەخسۇس مۇكاپات تەسىس قىلىش، تەشۋىقاتنى كۈچەيتىش قاتارلىق ۋاسىتىلەر بىلەن، ساياھەتچىلەرنى تېخىمۇ كۆپەيتىشكە ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ساياھەتچىلىكنى كۈچەيتىش ھەرىكەتلىرى خەلقئارالىق ئىنسان ھەقلىرى تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن «ئىرقىي قىرغىنچىلىق ساياھىتى» دەپ تونۇلغان بولۇپ، بىر قىسىم خەلقئارالىق مېھمانخانىلار ۋە ساياھەت شىركەتلىرى ئاگاھلاندۇرۇشلارغا قارىماي، شەرقىي تۈركىستاندا تىجارەت قىلغانلىقى ياكى تىجارەت قىلىشنى پىلانلىغانلىقى ئۈچۈن، كۈچلۈك تەنقىدكە دۇچ كەلگەنىدى.

بۇ خەۋەر 85 قېتىم كۆرۈلدى
27/03/2026 17:51:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق