خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا خىتايچە ئىسىم قويۇلغان يەنە بىر ناھىيە تەسىس قىلدى

خىتاي ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا يەر-جاي ناملىرىنى ئۆزگەرتىش جىنايىتىنى داۋاملاشتۇرغاندىن سىرت، خىتايچە ئىسىم قويۇلغان يېڭى ناھىيەلەرنى داۋاملىق تەسىس قىلىۋاتقان بولۇپ، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» 26-مارت سېنلىڭ ناھىيەسى قۇرۇلغانلىقىنى ئېلان قىلغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر قارار خىتاي كومپارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى ۋە دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ تەستىقى بىلەن چىقىرىلغان.

ئاتالمىش «سېنلىڭ» ناھىيەسى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان بولۇپ، قەشقەر ۋىلايەتلىك ھۆكۈمەتنىڭ باشقۇرۇشىدا بولىدىكەن. تاجىكىستان، ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا ئۆتىدىغان ھالقىلىق يولغا جايلاشقان بۇ رايوندا يېڭىدىن ناھىيە تەسىس قىلىنىشى دىققەت قوزغىماقتا.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرى بۇ خەۋەرنى ئالاھىدە تەشۋىق قىلىۋاتقان بولۇپ، مەزكۇر ناھىيە تەسىس قىلىنغاندىن كېيىن، چېگرانى كونترول قىلىش، باشقۇرۇشنىڭ تېخىمۇ ئىنچىكە ئىجرا قىلىنىدىغانلىقى، ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول» پىلانى بويىچە، چېگرا رايون سودىسىنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقى دەۋا قىلىنغان.

خىتاي 2024-يىلى دېكابىر ئېيىدىمۇ خوتەن ۋىلايىتىدە ئىككى ناھىيە يېڭىدىن تەسىس قىلغان بولۇپ، «خېئەن ناھىيەسى» ۋە «خېكاڭ ناھىيەسى» دەپ خىتايچە نام بەرگەنىدى.

بۇ خەۋەر 77 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2026 19:33:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق