سودا ساھەسىدىكىلەر خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى بېسىمى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرماقتا

تۈركىيەدىكى «يىراقنى كۆرەر سودىگەرلەر جەمئىيىتى»نىڭ (VİAD) رەئىسى ئاتىللا سىناجى خىتاينىڭ تۈركىيەنىڭ سودا ساھەسىگە ئېلىپ كەلگەن بېسىملىرى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، تۈركىيە ئۈچۈن كونا تاكتىكىلار بىلەن مېڭىش دەۋرىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەركىزى كونيا ۋىلايىتىگە جايلاشقان مەزكۇر جەمئىيەتنىڭ رەئىسى ئاتىللا سىناجى ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ، تۈركىيەنىڭ نۆۋەتتىكى قىيىنچىلىقلارنى كۆرسىتىپ ئۆتكەن. ئۇ تۈركىيە سودا ساھەسىنىڭ ئەمدى كونا تاكتىكىلار بىلەن يولىنى داۋاملاشتۇرالمايدىغانلىقىنى، دۇنياۋى رىقابەتتىكى تەڭپۇڭلۇقلارنىڭ ئۆزگىرىشى، خىتاينىڭ ئىككى تەرەپلىك بېسىمى، مالىيە جەھەتتىكى قىيىنچىلىقلار ۋە پايدا نىسبىتىنىڭ بارغانسېرى تۆۋەنلەپ مېڭىشى قاتارلىق مەسىلىلەرگە قارىتا، پۈتۈنلەي يېڭى بىر ئىستراتېگىيەلىك پوزىتسىيەگە ئۆتۈشنىڭ نۆۋەتتە بىر مەجبۇرىيەتكە ئايلانغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

سىناجى خىتاينىڭ تۈركىيەدىكى تەسىرىنى ئالاھىدە تىلغا ئېلىپ، خىتاينىڭ نۆۋەتتە تۈركىيەنىڭ ھەم ئېكسپورت بازارلىرىغا، ھەم ئىچكى بازارلىرىغا بىرلا ۋاقىتتا بېسىم پەيدا قىلىۋاتقانلىقىنى، بۇ تۈركىيەدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنى سىقىپ چىقىرىشنى نىشانلىغان «قوش يۆنىلىشلىك بېسىم» ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن پەقەت سۈپەتكىلا كۆڭۈل بۆلۈش ئەمەس، بەلكى يېڭىچە سودا ئەندىزىلىرىنى يارىتىش كېرەكلىكىنى تەكىتلىگەن.

سىناجى تۈركىيە بازارلىرىدىكى خىتاي تەسىرىنىڭ خەۋپلىك نۇقتىغا يەتكەنلىكىنى تىلغا ئېلىپ، تۈركىيەنىڭ ئەڭ ئاددىي تۇرمۇش بۇيۇملىرىدىن تارتىپ سانائەت ئۈسكۈنىلىرىگىچە بولغان تۈرلۈك ساھەلەردە خىتاي بىلەن رىقابەتلىشىشتە قىينىلىۋاتقانلىقىنى،  خىتاينىڭ بازاردىكى ھۆكۈمرانلىق ئورنىنىڭ تۈركىيەنىڭ ئىچكى ئىشلەپچىقىرىشىغا ئېغىر زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى ئوتتۇرىغا قويغان.

سىناجى تۈركىيەدىكى ئىشلەپچىقارغۇچىلىرىنىڭ نۆۋەتتىكى ئەھۋالىنى «ئۆز ئۆيىدە مېھمان ئورنىغا چۈشۈپ قېلىش» دەپ سۈپەتلەپ، بۇ نۆۋەتتىكى بۇرۇلۇشنىڭ ئەڭ ئېچىنىشلىق تەرەپلىرىدىن بىرى ئىكەنلىكىنى، بۇ ئەھۋال تۈركىيە سانائىتىنىڭ كېلەچىكىگە نىسبەتەن ئېغىر سىگنال ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

بۇ خەۋەر 79 قېتىم كۆرۈلدى
30/03/2026 21:02:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق