
يىللاردىن بۇيان خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنى، جازا لاگېرىدىكى ئىنسان قېلىپىدىن چىققان جىنايەتلىرىنى دۇنياغا ئاڭلىتىپ كېلىۋاتقان لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا «جاسارەت ئوبرازى» مۇكاپاتىغا ئېرىشتى.
خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى «Pordenone Docs Fest» بۇ يىل 25- مارتتىن 29-مارتقىچە ئىتالىيەنىڭ پوردېنون شەھىرىدە ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىقنىڭ گۇۋاھلىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم «ماشىنىنىڭ كۆزى» فېستىۋالدا قويۇلغاندىن سىرت، خىتاينىڭ جىنايەتلىرىنى پاش قىلىشتا كۆرسەتكەن پىداكارلىقلىرى ۋە جاسارىتى سەۋەبلىك، قەلبىنۇر خانىمغا «جاسارەت ئوبرازى» مۇكاپاتى بېرىلدى.
ھەريىلى بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كېلىۋاتقان خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالى «Pordenone Docs Fest» ئاساسلىقى ئىنسانىي ھوقۇق، ئەركىنلىك ۋە تۈرلۈك ئىجتىمائىي مەسىلىلەر تېمىلىرىغا مەركەزلەشكەن. خىتاي شەرقىي تۈركىستان ھەققىدىكى ساختا تەشۋىقات فىلىملىرىنى كۆپلەپ ئىشلەۋاتقان ۋە پۇرسەت تاپسىلا خەلقئارالىق كىنو-فىلىم فېستىۋاللىرىدا بازارغا سېلىپ، كۆز بوياشقا ئۇرۇنۇپ كېلىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، بۇنىڭدەك بىر خەلقئارالىق ھۆججەتلىك فىلىم فېستىۋالىدا ئۇيغۇرلارنىڭ ساداسىنىڭ ياڭرىشى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە بولماقتا.
لاگېر شاھىتى قەلبىنۇر سىدىق چەت ئەلگە چىققاندىن بۇيان قىلچە توختىماي، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى، خۇسۇسەن جازا لاگېرىدىكى ۋەھشىيانە جىنايەتلىرىنى تۈرلۈك خەلقئارالىق يىغىنلاردا، تېلېۋىزىيە قاناللىرىدا، پائالىيەتلەردە پاش قىلىپ كەلمەكتە. ئۇنىڭ گۇۋاھلىقى ئاساسىدا ئىشلەنگەن ھۆججەتلىك فىلىم «ماشىنىنىڭ كۆزى» بۇندىن ئىلگىرىمۇ كۆپلىگەن كىنو-فىلىم فېستىۋاللىرىدا قويۇلۇپ، كۈچلۈك تەسىر قوزغىغانىدى.