
كانادادىكى خىتاي پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىشى، پارلامېنت يىغىنىدا خىتاي ئەمەلدارلىرى تەكرارلاپ كېلىۋاتقان ئىبارىلەرنى ئىشلىتىشى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈشكە مەجبۇر بولدى.
26-مارت كانادا ئاۋام پالاتاسىنىڭ كومىتېت يىغىنىدا ئالىي تەتقىقاتچى مارگارىت جونستىن خىتاي ئىشلەپچىقارغان كۆپلىگەن توكلۇق ئاپتوموبىللار ۋە زاپچاسلىرىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەندە، خىتاي پارلامېنت ئەزاسى ما رۇڭجېڭ ئۇنىڭغا ئارقىمۇ ئارقا سوئال قويۇپ، «سىز شىنجاڭدا مەجبۇرىي ئەمگەك مەۋجۇت، دەپ دەۋا قىلىسىز، بۇنى ئۆز كۆزىڭىز بىلەن كۆردىڭىزمۇ؟ ئۆزىڭىز ئۇ يەرگە بېرىپ باقتىڭىزمۇ؟ ياكى ئەپقاچتى گەپلەردىن ئاڭلىۋالدىڭىزمۇ؟» دېگەندەك خىتاي ئەمەلدارلىرى تەكرارلاپ كېلىۋاتقان ئىبارىلەر بىلەن، خىتاينىڭ بۇ جىنايىتىنى ئىنكار قىلىشقا ئۇرۇنغانىدى.
ئۇنىڭ بۇ بايانلىرى كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىغاندىن كېيىن، ما رۇڭجېڭ كەچۈرۈم سوراپ، ئۆزىنىڭ ئەسلىدە ئاتالمىش «شىنجاڭ»نى ئەمەس، بەلكى «شېنجېن»نى كۆزدە تۇتقانلىقىنى، تەلەپپۇزى سەۋەبلىك مەقسىتىنىڭ خاتا چۈشىنىلىپ قالغانلىقىنى، ئۆزىنىڭ ھەرقانداق شەكىلدىكى مەجبۇرىي ئەمگەككە قارشى ئىكەنلىكىنى دەۋا قىلغانىدى.
كانادا باش مىنىستىرى مارك كارنىي 30-مارت ئۆتكۈزۈلگەن ئاخبارات يىغىنىدا ئارقىمۇ ئارقا مۇخبىرلارنىڭ بۇ ھەقتىكى سوئالىغا دۇچ كەلدى. ئۇ جاۋابىدا ما رۇڭجېڭنىڭ ئاللىبۇرۇن كەچۈرۈم سورىغانلىقىنى ۋە بۇ مەسىلىنىڭ جىددىيلىكىنى ھېس قىلغانلىقىنى، ئۇنىڭ ھازىرمۇ لىبېرال پارتىيەسىنىڭ ئەزاسى ئىكەنلىكىنى، كانادا ھۆكۈمىتىنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەك مەسىلىسىگە ئىنتايىن جىددىي قارايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
مۇخبىرلار باش مىنىستىرنىڭ خىتايدا مەجبۇرىي ئەمگەك بار، دەپ قارايدىغان-قارىمايدىغانلىقىنى سورىغاندا، مارك كارنىي «خىتاينىڭ بەزى رايونلىرى»دا بۇ خەۋپنىڭ ئېغىر ئىكەنلىكىنى، شۇڭلاشقا بۇنى مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن تەكشۈرۈش كېرەكلىكىنى ئېيتتى. ئەمما ئۇنىڭ جاۋابى بىر قىسىم پارلامېنت ئەزالىرىنى قايىل قىلالمىغان بولۇپ، مايكىل چوڭ قاتارلىق بىر نەچچە پارلامېنت ئەزاسى باش مىنىستىرنىڭ بۇ ھەقتە «ھەئە» ياكى «ياق» دەپ، ئېنىق مەيدانىنى بىلدۈرۈشى كېرەكلىكىنى تەكىتلەشتى.
خىتاي پارلامېنت ئەزاسىنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى ئىنكار قىلىشى دەل كانادا ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنى ياخشىلاشقا تىرىشىۋاتقان ۋە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى كانادا قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتنىڭ مەجبۇرىي ئەمگەكنى توسۇش تىرىشچانلىقىنى تەكشۈرۈۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە ئوتتۇرىغا چىقىشى تېخىمۇ كۈچلۈك ئىنكاس قوزغىماقتا.