
تۈركىيەدە تارىخ كەسپىدە ئوقۇۋاتقان ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىلارنى قوللاش، ئىلھاملاندۇرۇش مەقسىتىدە، «دوكتور نەبىجان تۇرسۇن ئوقۇش مۇكاپاتى» تەسىس قىلىندى.
مەزكۇر مۇكاپاتنى ئاۋسترالىيە MMH ساخاۋەت فوندى تەسىس قىلغان بولۇپ، بۇ يىل تۈركىيەدە تارىخ كەسپى بويىچە ماگىستىرلىق ئوقۇۋاتقان ياكى ئوقۇشنى باشلىماقچى بولغان، شەرقىي تۈركىستان، ئۇيغۇر تارىخىنى تەتقىق قىلىشنى نىشان قىلغان بىر نەپەر ئۇيغۇر ئوقۇغۇچىغا بېرىلىدىكەن. شەرتلەرگە مۇۋاپىق كېلىپ تاللانغان ئوقۇغۇچىنىڭ بارلىق ئوقۇش پۇلى ئوقۇش پۈتكەنگە قەدەر تۆلەپ بېرىلىدىكەن ۋە تۇرمۇش ياردىمى تەمىنلىنىدىكەن. بۇلاردىن سىرت دوكتور نەبىجان تۇرسۇن تاللانغان ئوقۇغۇچىغا ئىلمىي جەھەتتىن يېتەكچىلىك قىلىدىكەن.
بۇ يىل سىناق تەرىقىسىدە باشلانغان مەزكۇر مۇكاپات ئۇيغۇر-ئوتتۇرا ئاسىيا تارىخى تەتقىقاتىدا تونۇلغان تارىخشۇناس، ژۇرنالىست دوكتور نەبىجان تۇرسۇننىڭ نامىدا تەسىس قىلىنغان بولۇپ، ھەر يىلى داۋاملىق كۆپەيتىلىپ يولغا قويۇلىدىكەن. بۇ يىللىق ئىلتىماس قىلىش ۋاقتى بولسا 5-مايغىچە ئىكەن.