ياپونىيە بازىلىرىغا خىتاي قىرغاقلىرىنى قاپلىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا سەپلىدى

ياپونىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقى 31-مارت كۇماموتو ناھىيەسىدىكى كېنگۇن ھەربىي بازىسى ۋە شىزۇئوكا ناھىيەسىگە جايلاشقان فۇجى ھەربىي بازىسىغا، ئېتىلىش مۇساپىسى تەخمىنەن 1000 كىلومېتىر كېلىدىغان، خىتاي قىرغاقلىرى ۋە شىمالىي كورېيەنى قاپلىيالايدىغان ئۇزۇن مۇساپىلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىلارنى سەپلەشكە باشلىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى داۋاملىق يىرىكلىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ياپونىيە ھۆكۈمىتى ھەربىي ساھەسىگە بارغانسېرى كۈچەۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 2-ئاينىڭ ئاخىرىدا ياپونىيە تەيۋەننىڭ شەرقىي قىرغىقىغا تەخمىنەن 110 كىلومېتىر كېلىدىغان يوناگۇنى ئارىلىغا قۇرۇقلۇقتىن ھاۋاغا قويۇپ بېرىلىدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ئورۇنلاشتۇرۇشنى پىلانلىغانلىقىنى ئېلان قىلغانىدى.

ياپونىيە تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ياپونىيە تەرەپ ئەگەر قارشى تەرەپنىڭ ھۇجۇم باشلىغانلىقىنى جەزملەشتۈرسە، بۇ خىل ئۇزۇن مۇساپىلىك بومبىلار قارشى تەرەپ تەۋەلىكىدىكى بومبا بازىلىرىغا زەربە بېرەلەيدىكەن. بۇ ياپونىيەنىڭ ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇپ كەلگەن «پەقەت مۇداپىئەنىلا ئاساس قىلىش»تىن ئىبارەت دۆلەت مۇداپىئە سىياسىتىدە زور بۇرۇلۇش بولغانلىقىنى كۆرسىتىپ بېرىدىكەن. بۇ يەنە ياپونىيەنىڭ تۇنجى قېتىم ئۆز دۆلىتىدە ئىشلەنگەن بومبىلارنى قوشۇنلارغا سەپلىشى بولۇپ، «قايتۇرما زەربە بېرىش ئىقتىدارىغا ئىگە بولۇش» باسقۇچىغا قەدەم قويغانلىقىغا ۋەكىللىك قىلىدىكەن.

بۇلاردىن سىرت، ياپونىيە يەنە ئېتىلىش مۇساپىسى تەخمىنەن 1600 كىلومېتىر كېلىدىغان، ئامېرىكىدا ئىشلەنگەن «Tomahawk» باشقۇرۇلىدىغان بومبىسىنى سېتىۋېلىۋاتقان بولۇپ، بۇلار دېڭىز قوغدىغۇچى قىسىملىرىنىڭ «Aegis» دەرىجىلىك قوغلىغۇچى پاراخوتلىرىغا ئورنىتىلىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، خىتاينىڭ ياپونىيەنىڭ بۇ ھەرىكەتلىرىگە قاتتىق دىققەت قىلىۋاتقانلىقى، ياپونىيەنىڭ مۇداپىئە نامىدا ھۇجۇم خاراكتېرلىك قورال-ياراغلارنى ئورۇنلاشتۇرۇۋاتقانلىقى، بۇنىڭ خەلقئارالىق قانۇن-نىزاملارغا، ئالاقىدار كېلىشىملەرگە خىلاپ ئىكەنلىكى، ياپونىيەنىڭ يېڭى شەكىلدىكى مىلىتارىزمىنىڭ رايون تىنچلىقىغا خەۋپ ئېلىپ كېلىۋاتقانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

بۇ خەۋەر 100 قېتىم كۆرۈلدى
01/04/2026 17:30:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق