
قازاقىستان ئېنېرگىيە مىنىستىرلىقى رۇسىيە نېفىتىنىڭ قازاقىستان چېگراسى ئارقىلىق خىتايغا يەتكۈزۈلۈش رۇخسىتىنىڭ بىر يىل ئۇزارتىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. قازاقىستان دائىرىلىرى ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىنىڭ چەت ئەل مۈلكىنى باشقۇرۇش ئىشخانىسى بىلەن مەسلىھەتلىشىش ئارقىلىق، بۇ قارارنى چىقارغان.
قازاقىستان خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللۇقىغا ئېرىشىلگەندىن كېيىن، قازاقىستاننىڭ رۇسىيە نېفىتىنى قازاقىستان چېگراسى ئارقىلىق خىتايغا يەتكۈزۈش رۇخسىتىنىڭ مۇددىتى 2027-يىلى 19-مارتقىچە ئۇزارتىلغان. ئەسلىدىكى رۇخسەتنىڭ مۇددىتى بولسا بۇ يىل 4-ئايغىچە ئىكەن.
بۇ قارار ئىراندىكى ئۇرۇش سەۋەبلىك خەلقئارا نېفىت بازىرى ئېغىر داۋالغۇشقا دۇچ كەلگەن بىر پەيتتە ماقۇللانغان بولۇپ، بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى ئامېرىكىنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ رۇسىيە ۋە خىتاي دۇچ كەلگەن بېسىمنى يېنىكلىتىدىغانلىقىنى ئىلگىرى سۈرگەن.
مەلۇم بولۇشىچە، رۇسىيە بىلەن تۈزگەن كېلىشىمگە ئاساسەن، قازاقىستان ھەر يىلى 10 مىليون توننا نېفىتنى چېگرادىن ئۆتكۈزۈپ، خىتايغا يوللايدىكەن. نۆۋەتتە قازاقىستان بىلەن رۇسىيە بۇ مىقدارنى 12.5 مىليون توننىغا يەتكۈزۈشنى مۇزاكىرە قىلماقتىكەن.