
خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش ئىجراچىلىرىدىن بىرى، ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى»نىڭ سابىق سېكرېتارى ما شىڭرۈينىڭ تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقى ئېلان قىلىندى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 3-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، نۆۋەتتە خىتاي مەركىزىي سىياسىي بىيۇرو ئەزاسى، مەركەز يېزا خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى قاتارلىق ۋەزىپىلىرى بولغان ما شىڭرۈي «ئىنتىزامغا، قانۇنغا ئېغىر خىلاپلىق قىلىش» دېگەن سەۋەبلەر بىلەن، خىتاي مەركىزىي ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى ۋە خىتاي رېۋىزىيە كومىتېتى تەرىپىدىن ئىنتىزام ۋە رېۋىزىيە جەھەتتىن تەكشۈرۈلمەكتىكەن.
ما شىڭرۈي خىتاي مىللىتىدىن بولۇپ، 1959-يىلى خىتاينىڭ خېيلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە تۇغۇلغان. ئۇ بۇرۇن خىتايدىكى تۈرلۈك تەتقىقات، ئاكادېمىك ئورۇنلاردا خىزمەت قىلغاندىن سىرت، 2013-يىلىدىن باشلاپ گۇاڭدۇڭ ئۆلكىلىك ھۆكۈمەتتە ئوخشىمىغان ۋەزىپىلەرنى ئۆتىگەن. 2021-يىلى 12-ئاينىڭ ئاخىرىدا خىتاي رېجىمى ما شىڭرۈينى شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ باش ئىجراچىسى چېن چۈەنگونىڭ ئورنىغا ئالماشتۇرغان. 2025-يىلى 7-ئايدا ما شىڭرۈينىڭ ئورنىغا چېن شياۋجياڭ ۋەزىپىگە قويۇلغان.
ما شىڭرۈي شەرقىي تۈركىستاندا ۋەزىپە ئۆتىگەن تۆت يىلغا ۋاقىت جەريانىدا، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستان خەلقىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ ئىجرا قىلغان ۋە بۇ جىنايەتلىرىنى خەلقئارا جەمئىيەتتىن يوشۇرۇش، پەردازلاشقا ئالاھىدە كۈچىگەن.
ما شىڭرۈي شەرقىي تۈركىستاندىكى ۋەزىپىلىرىدىن ئايرىلىپ، بېيجىڭغا قايتۇرۇپ كېتىلگەندىن كېيىن، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ كۆپلىگەن مۇھىم يىغىنلىرىدا كۆرۈنمىگەنلىكى خەلقئارالىق ئاخبارات ئورگانلىرىنىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى ۋە تۈرلۈك پەرەزلەر ئوتتۇرىغا قويۇلغانىدى.