
بۇ يىل فېۋرال ئېيىدىكى توقۇنۇشتىن كېيىن، دىپلوماتىك ئالاقىسى ئۈزۈلگەن پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ ۋەكىللىرى بۇ ھەپتە ئۈرۈمچىدە ئۇچرىشىپ، تىنچلىق مەسىلىسى ھەققىدە سۆھبەتلەشكەن.
ئالاقىدار خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، خىتاينىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، پاكىستان بىلەن ئافغانىستاننىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارلىرى 1-ئاپرېل ئۈرۈمچىدە كۆرۈشكەن. پاكىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى ئەتىسى بۇ ئۇچرىشىشنىڭ راستلىقىنى دەلىللىگەن ۋە تىنچلىق مەسىلىسىدە ئىلگىرىلەش بولۇش-بولماسلىقنىڭ ئافغانىستان تەرەپكە باغلىق ئىكەنلىكىنى ئوتتۇرىغا قويغان.
يېقىنقى بىر نەچچە ئاي مابەينىدە پاكىستان بىلەن ئافغانىستان ئوتتۇرىسىدىكى قوراللىق توقۇنۇش ئىزچىل داۋاملىشىۋاتقان بولۇپ، بۇ يىل 24-فېۋرال پاكىستان ئافغانىستاننى بومباردىمان قىلغاندىن كېيىن، ئافغانىستانمۇ قايتۇرما ھۇجۇمغا ئۆتكەن.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئافغانىستان بىلەن پاكىستاننىڭ خىتاينىڭ مۇرەسسە قىلىشىغا ئاۋاز قوشۇپ، بىر ئۈستەلگە كەلگەنلىكىنى، سۆھبەتنىڭ مۇقىم داۋاملىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈردى. ئەمما خىتاي باياناتچىسى يەنە بىر مۇخبىرنىڭ «نېمە ئۈچۈن سۆھبەت ئورنى ئۈرۈمچى قىلىپ بېكىتىلدى؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بېرىشتىن ئۆزىنى قاچۇردى.