
بۇندىن 36 يىل بۇرۇن شەرقىي تۈركىستاندا تارىخ سەھىپىسىگە پۈتۈلگەن بارىن روھىنى، بارىن شېھىتلىرىنى ياد ئېتىش، خىتاينىڭ قىرغىنچىلىقىنى ئۇنتۇماسلىق مەقسەتلىرى بىلەن، 5-ئاپرېل ئىستانبۇلدا خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى.
ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان سەفاكۆي رايونىدا ئۆتكۈزۈلگەن مەزكۇر پائالىيەت خەلقئارا شەرقىي تۈركىستان تەشكىلاتلار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان ئۆلىمالار بىرلىكى، شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتى، دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى، شەرقىي تۈركىستانلىقلار فېدېراتسىيەسى، شەرقىي تۈركىستان جەمئىيىتى، ئىلى مەشرەپ ۋەقفى قاتارلىق تەشكىلاتلار تەرىپىدىن ئۇيۇشتۇرۇلدى.
قۇرئان كەرىم تىلاۋىتى ۋە ئىستىقلال مارشى بىلەن باشلانغان خاتىرىلەش پائالىيىتىدە، تەشكىلات مەسئۇللىرى، ئۆلىمالار، جامائەت ئەربابلىرى نۆۋەت بىلەن سۆز قىلىپ، «بارىن روھى»نى خاتىرىلەشنىڭ، ئەۋلادلارغا يەتكۈزۈشنىڭ ئەھمىيىتىنى، ئۆتمۈشتىكى ۋەقەلەردىن ئېلىشقا تېگىشلىك ساۋاتلارنى، خىتاينىڭ ئىشغالىيەت تارىخىدىن بۇيان ئۈزۈلمەي داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان مۇستەقىللىق مۇجادىلىسىدە تەۋرەنمەي تۇرۇشنىڭ مۇھىملىقىنى تەكىتلەشتى.
پائالىيەتتە يەنە بارىن شېھىتلىرىگە ئاتاپ ئىشلەنگەن قىسقا فىلىم قويۇلدى ۋە شېئىر دېكلاماتسىيە قىلىندى. ئاخىردا شېھىتلەرنىڭ روھىغا ئاتاپ ۋە شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى، خىتاينىڭ ھالاكىتى ئۈچۈن ئوپچە دۇئا قىلىندى.
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان ئۇيغۇرلارمۇ بۇ ئالاھىدە كۈننى ئوخشىمىغان ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلىدى. دۇنيا ئۇيغۇر قۇرۇلتىيى ۋەقفى، ئۇيغۇر ئاكادېمىيەسى ۋەقفى ۋە ئەزەربايجانلىقلارنىڭ ئازافلى ئىجتىمائىي ياردەم ۋە مەدەنىيەت جەمئىيىتى ھەمكارلىقى بىلەن، 4-ئاپرېل ئەنقەرەدە «5-ئاپرېل بارىن ئىنقىلابى ۋە خىتاينىڭ ئۇيغۇر قىرغىنچىلىقى» تېمىسىدا مۇھاكىمە يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى.
5-ئاپرېل يەنە ئامستېردامدىكى دام مەيدانىدا بارىن مىللىي ئازادلىق كۈرىشىنىڭ 36 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇناسىۋىتى بىلەن نامايىش ئۆتكۈزۈلدى. نامايىشقا ئۇيغۇرلاردىن باشقا، تىبەتلەر ۋە بىر قىسىم خىتايلارمۇ قاتناشتى.
ئوخشاش كۈندە ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، جەمئىيەت مەركىزىدە بارىن شېھىتلىرىنى خاتىرىلەش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلدى. ئۇندىن باشقا بېلگىيە، كانادا قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەتلەردىمۇ نامايىش ئۆتكۈزۈلۈپ، بۇ تارىخىي كۈن خاتىرىلەندى.