ئۇيغۇر قىز ئىستانبۇلدا ئۆتكۈزۈلگەن قارىيلىق مۇسابىقىسىدە نەتىجە قازاندى

يېقىندا تۈركىيە مائارىپ مىنىستىرلىقى قارمىقىدىكى دىنىي تەلىم-تەربىيە ئىدارىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، «ياش نىدا قارىيلىق مۇسابىقىسى» ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، ئۇيغۇر قىز پاتىمە ياركەنت كۈچۈكچەكمەجە رايونى بويىچە بىرىنچىلىككە، ئىستانبۇل بويىچە ئۈچىنچىلىككە ئېرىشتى.

«ياش نىدا قارىيلىق مۇسابىقىسى» تۈركىيەدىكى ئىمام خاتىپ ئوتتۇرا مەكتەپلىرىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئارىسىدا ئۆتكۈزۈلگەن ۋە رايونلار بويىچە بىر نەچچە كۈن داۋاملاشقان. مارمارا قىز ئانادولۇ ئىمام خاتىپ تولۇق ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچىسى پاتىمە ياركەنت ئالاھىدە ئىپادىسى بىلەن، يۇقىرىقىدەك ياخشى نەتىجە قازانغان.

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئىزچىل داۋاملاشتۇرۇۋاتقان، جۈملىدىن دىنىي باستۇرۇشلىرىنى تارىختا مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىگە يەتكۈزگەن بىر  ۋەزىيەتتە، مۇھاجىرەتتىكى ئۇيغۇرلار دىنىي تەلىم-تەربىيەگە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىپ كەلمەكتە. بۇنىڭ نەتىجىسىدە ئۇيغۇرلاردىن بىر قىسىم ئالىي مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇش پۈتتۈرۈپ، تۈركىيەنىڭ دىنىي ئىشلار باشقارمىسىغا قاراشلىق ئورۇنلاردىكى ئاكادېمىك ساھەلەردە خىزمەت قىلىۋاتقان ياكى ئىماملىق ۋەزىپىسىگە قويۇلغان بولسا، يەنە بىر قىسىم ياش-ئۆسمۈرلەر تۈرلۈك مۇسابىقىلەردە نەتىجە قازىنىپ، ئۇيغۇرلارغا شەرەپ كەلتۈرمەكتە.

بۇ خەۋەر 177 قېتىم كۆرۈلدى
06/04/2026 21:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق