خىتاي شەرقىي تۈركىستاننى ئاتالمىش «قىزىل ساراي» بىلەن قاپلاشنى پىلانلىدى

خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنىڭ بىر پارچىسى بولغان ئاسسىمىلياتسىيە جىنايىتىنى تېخىمۇ كۈچەيتىش ئۈچۈن، خىتاي مەدەنىيىتى ۋە كوممۇنىزم ئىدىيەسى بىرلەشتۈرۈلگەن ئاتالمىش «قىزىل ساراي»دىن 100 نى قۇرۇشنى پىلانلىدى.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى تەڭرىتاغ تورىنىڭ 7-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاتالمىش «خىتاينى بىلىش، خىتاينى چۈشىنىش، خىتايغا ئىشىنىش، خىتاينى سۆيۈش» باش تېما قىلىنغان، «خىتاي مەدەنىيىتى قىزىل تەتقىق قىلىپ ئوقۇش سارىيى» دەپ ئاتالغان مەجبۇرىي ئاسسىمىلياتسىيە ئورنى گۇما ناھىيەسىدە تۇنجى بولۇپ سىناق تەرىقىسىدە ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەن.

بۇنىڭدىن سىرت، ئۈرۈمچىدىكى «قىزىل ساراي»مۇ پۈتكەن بولۇپ، 17-ئاپرېل ئېچىلىدىغانلىقى، مەزكۇر ئىككى ئۈلگە ساراينىڭ پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى باشقا ساراي قۇرۇلۇشلىرىنى ئۈلگە بىلەن تەمىنلەيدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي كەلگۈسى ئۈچ يىلدا مەزكۇر تۈر بويىچە پۈتۈن شەرقىي تۈركىستاندىكى ھەرقايسى ناھىيە، شەھەرلەردە  بۇ خىل «قىزىل ساراي»دىن 100 نى قۇرۇشنى پىلانلىغان بولۇپ، بۇ ئورۇنلارغا خىتاي مەدەنىيىتى، كوممۇنىزم ئىدىيەسىنى تەشۋىق قىلىش ئاساسلىق مەقسەت قىلىنغان بىر مىليون كىتاب قويۇپ، ھەممە جاينى قاپلاشنى نىشانلىغان.

بۇلاردىن سىرت، مەزكۇر «قىزىل ساراي»لارغا خىتايچە شېئىر، خىتايچە ھۆسنخەت، رەسىم، مۆھۈرلەردىن تەشكىل تاپقان ئۇزۇن يۆگىمە رەسىمنىڭ كۆرگەزمە قىلىنىدىغانلىقى، مەزكۇر يۆگىمە رەسىمنىڭ خىتاينىڭ 120 كىلاسسىك تېمىسىنى چۆرىدىگەنلىكى، ساراينىڭ خىتاي كوممۇنىستلىرىنى ئىپادىلەيدىغان قىزىل يۇلتۇز چىراغلىرى بىلەن بېزىلىدىغانلىقىنى، چىقىملارنىڭ ئاتالمىش «جەمئىيەت ئىئانىسى» بىلەن توپلىنىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي ئالدىنقى ئايدا ئاسسىمىلياتسىيە ۋە باستۇرۇشنى تېخىمۇ كۈچەيتىشنى مەقسەت قىلغان ئاتالمىش «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش قانۇنى»نى تەستىقلىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاننى «قىزىل ساراي»لار بىلەن قاپلاش پىلانى ۋە بۇ ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلىشى خىتاينىڭ بۇ تېررور سىياسىتى قانۇنى بىلەن ماس قەدەمدە بولماقتا.

بۇ خەۋەر 133 قېتىم كۆرۈلدى
08/04/2026 09:46:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق