گومىنداڭ پارتىيەسى رەئىسىنىڭ خىتاي زىيارىتى دىققەت قوزغىدى

تەيۋەندىكى ئۆكتىچى پارتىيە گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جېڭ لىۋېن 7-ئاپرېل شاڭخەيگە يېتىپ بېرىپ، 12-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىغان خىتاي زىيارىتىنى باشلىدى. ئۇنىڭ زىيارەت جەريانىدا خىتاي-تەيۋەن مۇناسىۋىتى ۋە ياپونىيەگە ئالاقىدار بايانلىرى خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىدى.

ئالاقىدار خەۋەرلەردە قەيت قىلىنىشىچە، گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ رەئىسى جېڭ لىۋېن 13 كىشىلىك ھەيئەتنى باشلاپ خىتاينى زىيارەت قىلغان. بۇ گومىنداڭ پارتىيەسى رەھبىرىنىڭ ئارىدىن ئون يىل ئۆتكەندىن كېيىن تۇنجى قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى ھېسابلىنىدىكەن.

جېڭ لىۋېن بۈگۈن نەنجىڭغا بېرىپ گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ قۇرغۇچىسى سۈن جۇڭشەننىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىپ، بۇ يەردە نۇتۇق سۆزلىگەن. ئۇ نۇتقىدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىدە «1992-يىلى ئورتاق تونۇشى» ۋە تەيۋەن مۇستەقىللىقىغا قارشى تۇرۇشنىڭ ۋاقتى ئۆتمەيدىغان سىياسىي ئاساس ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن بولۇپ، بۇلاردىن سىرت 18 مىنۇتلۇق نۇتقىدا ياپونىيەنى 11 قېتىم تىلغا ئېلىشى، ياپونىيەنىڭ تارىختا تەيۋەنگە تاجاۋۇز قىلغانلىقىنى تەكىتلىشى ئالاھىدە دىققەت قوزغىغان.

بىر قىسىم مۇتەخەسسىسلەر ئۇنىڭ ياپونىيە ھەققىدىكى سۆزلىرىنىڭ بىنورمال ئىكەنلىكىنى، بۇنىڭ گومىنداڭنىڭ ياپونىيە بىلەن دوست ئۆتىدىغان دىپلوماتىك رامكىسىنى ئۆزگەرتىش ۋە ياپونىيەنىڭ «تەيۋەنگە بىرەر ئىش بولسا، ياپونىيە زەرەرگە ئۇچرايدۇ» دېگەن بايانلىرىغا قارىتا خىتايغا ياردەم بېرىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلەشكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ بۇ قېتىملىق خىتاي زىيارىتىدە تەيۋەن ھۆكۈمىتىنىڭ ماقۇللىقى يوق بولۇپ، پەقەت گومىنداڭ پارتىيەسىنىڭ ئۆزىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان زىيارەت ھېسابلىنىدىكەن.

بۇ خەۋەر 93 قېتىم كۆرۈلدى
08/04/2026 18:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق