قىرغىزىستاندىكى ئۇيغۇرلار بارىن شېھىتلىرى ۋە مىللىي ئارمىيە كۈنىنى خاتىرىلىدى

قىرغىزىستاننىڭ جالالئاباد ۋىلايىتىدە ياشاۋاتقان بىر تۈركۈم ئۇيغۇرلار يىغىلىپ، بارىن شېھىتلىرىنى ۋە شەرقىي تۈركىستان مىللىي ئارمىيەسى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 81 يىللىقىنى خاتىرىلىدى.

ئۇيغۇر جامائىتى شېھىتلەر ئۈچۈن دۇئا قىلىش بىلەن بىرگە، 5-ئاپرېل ۋە 8-ئاپرېلدىن ئىبارەت ئىككى ئالاھىدە كۈننى ئەسلەشنىڭ ئەھمىيىتىنى تەكىتلەشتى ۋە تارىختىن بۇيان ئۈزۈلمەي كەلگەن شېھىتلەرنىڭ ئۇيغۇر خەلقى ئۈچۈن مەشئەل ھېسابلىنىدىغانلىقىنى، خەلقنىڭ ئۇلارنى مەڭگۈ ئۇنتۇمايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.

جەم بولغان ئۇيغۇرلار يەنە قىسقا سىن ھەمبەھرىلەپ، ئۆزلىرى تۇرۇۋاتقان يەرنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا يېقىن جايلاردىن ئىكەنلىكىنى، شۇ تاپتا ۋەتەننىڭ پۇراقلىرىنى سېزىپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى بىلدۈرۈشۈپ، ئانا ۋەتىنىگە بولغان سېغىنىشىنى ئىپادىلىدى.

دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستان خەلقىمۇ بارىن شېھىتلىرىنى تۈرلۈك ئۇسۇللار بىلەن خاتىرىلەش بىلەن بىرگە، ئىجتىمائىي تاراتقۇلاردا 8-ئاپرېل مىللىي ئارمىيە كۈنىگە ئالاقىدار تۈرلۈك يازمىلارنى، باياناتلارنى ئېلان قىلىپ، نۆۋەتتىكى ئېغىر ۋەزىيەتتە ھۆرلۈك، مۇستەقىللىققا بولغان ئارزۇ-ئۈمىدلىرىنى ئىپادىلەشتى.

بۇ خەۋەر 47 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2026 09:52:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق