
مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى، پارلامېنت ئەزاسى ئىلياس توپساقال پارتىيە رەھبىرى دەۋلەت باھچەلىنىڭ «ئامېرىكا-ئىسرائىلىيە ئىتتىپاقىغا قارشى تۈركىيە-رۇسىيە-خىتاي ئىتتىپاقى قۇرۇش» تەكلىپىگە ئاساسەن، موسكۋادا سۆھبەت ئۆتكۈزگەنلىكىنى، كېيىنكى سايلامدا مىللەتچى ھەرىكەت پارتىيەسىنىڭ ئادالەت ۋە تەرەققىيات پارتىيەسى بىلەن ئىتتىپاقلىشىش شەرتىنىڭ مىنىستىرلىق مەرتىۋىلىرى ئەمەس، بەلكى مەزكۇر ئىتتىپاققا ئالاقىدار پىروگراممىنىڭ قوبۇل قىلىنىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.