
ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدا ھاسىل قىلىنغان 15 كۈنلۈك ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىدىن كېيىن، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتى بۈگۈن پاكىستان پايتەختى ئىسلامئابادتا باشلىنىدىغان، ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرى بىر ئۈستەلدە ئولتۇرماي ئۆتكۈزۈلىدىغان سۆھبەتكە مەركەزلەشتى.