
يېقىنقى يىللاردا شەرقىي تۈركىستاندىن قازاقىستانغا كۆچۈپ بارغان قازاق خەلقىنىڭ سانىدىكى ئۆزگىرىشلەر شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملىشىۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقنىڭ، قاتتىق كونترولنىڭ سالمىقىنى كۆرسىتىپ بەرمەكتە.
قازاقىستان خەلقئارا خەۋەر ئاگېنتلىقىنىڭ 10-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، يېقىنقى بىر-ئىككى يىلدا شەرقىي تۈركىستاندىن كەلگەن «قانداشلار»نىڭ، يەنى قازاقىستانغا كۆچۈپ بارغان قازاق خەلقىنىڭ سانىدا نىسبەتەن ئېشىش كۆرۈلگەن. قازاقىستان دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ۋە كۆچمەنلەر كومىتېتىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىغا ئاساسلانغاندا، 2025-يىلى جەمئىي 7405 كىشى ئۇزۇن مۇددەتلىك ئولتۇراقلىشىش مەقسىتىدە قازاقىستانغا كۆچۈپ بارغان.
خەۋەردە بۇ كىشىلەرنىڭ ھەممىسىنىڭ قازاق مىللىتىدىن ئىكەنلىكى، 2025-يىلى «خىتاي»دىن كەلگەن جەمئىي 7405 قازاقنىڭ «قانداش قېرىنداش» سالاھىيىتىگە ئېرىشكەنلىكى، بۇنىڭ 3690 ئائىلىگە چېتىلىدىغانلىقى، قايتىپ كەلگەنلەرنىڭ قازاقىستانغا يەرلىشىشىنى قوللاش ئۈچۈن، ھۆكۈمەت يۆلەش سالمىقىنى ئاشۇرغانلىقى، جۈملىدىن ئۆي سېتىۋېلىشقا بېرىلىدىغان بىر قېتىملىق ياردەم پۇلىنىڭ ئەڭ يۇقىرى بولغاندا يەتتە مىليون تەڭگىگە ئاشۇرۇلغانلىقى قەيت قىلىنغان.
خەۋەردىكى دىققەت تارتىدىغان نۇقتا بولسا، 1991-يىلىدىن بۇيان شەرقىي تۈركىستاندىن جەمئىي 378 مىڭدىن ئارتۇق قازاق خەلقى قازاقىستانغا كۆچۈپ بارغان بولۇپ، بۇ غايەت زور سانغا سېلىشتۇرغاندا، يېقىنقى يىللاردىكى كۆچمەنلەر سانى دەرىجىدىن تاشقىرى ئاز بولغان. خۇسۇسەن، خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتى، تېررور سىياسىتى، كونتروللۇقى قاتتىق كۈچەيگەن مەزگىللەرگە ئۇدۇل كېلىدىغان 2021-يىلى شەرقىي تۈركىستاندىن ئاران 249 كىشى قازاقىستانغا كۆچۈپ بارالىغان.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئۇيغۇرلار ۋە باشقا تۈرك مىللەتلىرىگە قاراتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقتا ئاز بىر قىسىم قازاق خەلقى قازاقىستانغا قېچىپ چىقىپ، قۇتۇلۇش پۇرسىتىگە ئېرىشكەن بولۇپ، ئۆمەر بېكالى، گۈلباھار جېلىل (قازاقىستاندا تۇغۇلغان قازاقىستان پۇقراسى)، سايراگۈل ساۋۇتباي قاتارلىق لاگېر شاھىتلىرى بۇلارنىڭ قاتارىدىن ھېسابلىنىدۇ.
يېقىنقى بىر نەچچە يىلدا خىتاينىڭ خەلقئارانىڭ كۆزىنى بوياش ئۈچۈن، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئاز بىر قىسىم كىشىلەرنىڭ پاسپورت بېجىرىشىگە، چەت ئەلگە چىقىشىغا رۇخسەت قىلغان بولۇپ، بۇنىڭ نەتىجىسىدە، قازاقىستانغا كۆچۈپ بارغان قازاق خەلقىنىڭ سانى قىسمەن ئاشقان. يۇقىرىقى سانلىق مەلۇماتلار خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇش سىياسىتىدىكى بىر قىسىم ئۆزگىرىشلەرنى ئىپادىلەپ بەرمەكتە.