خىتاي - ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى بۇ يىلمۇ ئۈرۈمچىگە ئورۇنلاشتۇرۇلدى

خىتاي يېڭى بىر نۆۋەتلىك خىتاي - ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسىنىڭ بۇرۇنقىدەكلا ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈشنى پىلانلىغان بولۇپ، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىقنى پەردازلاشنى ئاساسلىق مەقسەتلىرىدىن بىرى قىلغان مەزكۇر كۆرگەزمە ئىيۇن ئېيىغا ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگانلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 9-نۆۋەتلىك خىتاي - ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى 25-ئىيۇندىن 29-ئىيۇنغىچە ئۈرۈمچىدە ئۆتكۈزۈلىدىكەن. ئاتالمىش «يىپەك يولىدىكى يېڭى پۇرسەت، ئاسىيا - ياۋروپانىڭ يېڭى ھاياتىي كۈچى» باش تېما قىلىنغان بۇ كۆرگەزمىنى خىتاي سودا ئىشلىرى مىنىستىرلىقى، تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى، خىتاي سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش جەمئىيىتى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان.

خىتاي - ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى 2011-يىلىدىن تارتىپ ئىككى يىلدا بىر قېتىم ئۆتكۈزۈلۈپ كەلگەن. خىتاي بۇ كۆرگەزمىدىكى مەقسىتىنى ئاسىيا - ياۋروپا دۆلەتلىرى بىلەن يۇقىرى قاتلام دىپلوماتىيەسىنى قانات يايدۇرۇش، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇش دەپ تەشۋىق قىلغاندىن سىرت، بۇنىڭ ئاتالمىش «شىنجاڭ ئوبرازىنى نامايان قىلىشتىكى مۇھىم كۆزنەك» ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ئارقىلىق، كۆرگەزمىنىڭ شەرقىي تۈركىستانغا ئورۇنلاشتۇرۇلۇشىدىكى ھەقىقىي مەقسىتىنى ئاشكارىلىغان.

يېقىنقى يىللار مابەينىدە خىتاي شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ بىر قىسىم يىغىنلىرى، خىتاي-ئاسىيا-ياۋروپا كۆرگەزمىسى، پاكىستان-ئافغانىستان ۋەكىللەر سۆھبىتى قاتارلىق خەلقئارالىق پائالىيەتلەرنى شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق، شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى پەردازلاشقا ئۇرۇنۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 112 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2026 10:48:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق