
دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا ياشاۋاتقان شەرقىي تۈركىستانلىق ياشلارنى مۇستەقىللىق دەۋاسىغا قىزىقتۇرۇش، ھەمكارلىقىنى، قېرىنداشلىقىنى كۈچەيتىش، تۈرلۈك ماھارەتلىرىنى يېتىلدۈرۈش مەقسەت قىلىنغان «شەرقىي تۈركىستان ياشلار ئۇچرىشىشى» 9-ئاپرېلدىن 12-ئاپرېلغىچە شىۋېتسىيەدە ئۆتكۈزۈلدى.
مەزكۇر پائالىيەت شىۋېتسىيە ئۇيغۇر مائارىپ ئۇيۇشمىسى، شەرقىي تۈركىستان تەنتەربىيە ۋە كۈلتۈر جەمئىيىتى، ياۋروپا شەرقىي تۈركىستان مائارىپ جەمئىيىتى، بېلگىيە ئۇيغۇر مەدەنىيەت مەركىزى، شەرقىي تۈركىستان ئىنسان ھەقلىرىنى كۆزىتىش جەمئىيىتى قاتارلىق تەشكىلاتلارنىڭ ھەمكارلىقى ۋە NBV نىڭ قوللىشى بىلەن ئورۇنلاشتۇرۇلغان.
پائالىيەتكە گوللاندىيە، بېلگىيە، فىنلاندىيە، نورۋېگىيە، شىۋېتسىيە ۋە تۈركىيەدىن كەلگەن كۆپلىگەن ياشلار ئىشتىراك قىلغان بولۇپ، تونۇلغان تەتقىقاتچىلار، مائارىپچىلار، سىياسەتچىلەر تەكلىپ بىلەن قاتنىشىپ، ياشلارنىڭ تۈرلۈك پائالىيەتلىرىگە يېتەكچىلىك قىلغان.
پائالىيەتتە ياشلارنى شەرقىي تۈركىستان دەۋاسى ئۈچۈن تەنقىدىي ئانالىز، ئىستراتېگىيە، ماھارەت جەھەتتىن يېتىلدۈرۈش، ياشلار ئارا دىيالوگ نىشان قىلىنغان پىروگراممىلار ئورۇنلاشتۇرۇلغان. جۈملىدىن دۇنياۋى ئادالەتسىزلىككە قارشى ئۈنۈملۈك لوبىچىلىق ۋە تاشقى سىياسەت ئۆزگەرتىش ئۇسۇللىرى، ئىجتىمائىي تاراتقۇ پائالىيەتلىرى ۋە رەقەملىك دۇنيادا دەۋاغا توغرا ۋەكىللىك قىلىش، ياشلارنىڭ مەشغۇلات، كىرىزىس ھەل قىلىش، رەھبەرلىك قاتارلىق قابىلىيەتلىرىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق نۇقتىلار بويىچە پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلغان.
ياشلار تەسىراتلىرىنى ئورتاقلىشىپ، بۇ خىلدىكى پائالىيەتلەرنىڭ كۆپلەپ ئۆتكۈزۈلۈشىنى خالايدىغانلىقىنى، ياشلارنىڭ ئۇچرىشىپ تۇرۇشىنىڭ ئۆزئارا تونۇشۇش، مېھىر-مۇھەببەتنى كۈچەيتىش، ئانا تىلىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشكەن.






















