شەرقىي تۈركىستاندىن غەربىي ياۋروپاغا مەجبۇرىي ئەمگەك لىنىيەسىنى ئېچىلدى

شەرقىي تۈركىستاندىكى قانغا بويالغان مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرىنى ئاسىيا، ياۋروپا ئەللىرىگە توختاۋسىز توشۇۋاتقان خىتاي يېقىندا يەنە تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى كۆپەيتكەن بولۇپ، تۇنجى قېتىم شەرقىي تۈركىستاندىن غەربىي ياۋروپاغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئىككى يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى ئاچقان.

خىتاي تەشۋىقات ئورگىنى خەلق تورىنىڭ ئالاقىدار خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، ئۈرۈمچى تەڭرىتاغ خەلقئارا ئايروپورتى 9-ئاپرېل بېلگىيەنىڭ بىريۇسسېل شەھىرىگە بىۋاسىتە ئۇچىدىغان قىتئەلەر ئارا يۈك تىرانسپورت ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنى تۇنجى قېتىم ئاچقان. بۇنىڭدىن سىرت، ئەنگلىيەنىڭ شەرقىي مىدلاند رايونىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىمۇ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە ئېچىلىدىكەن.

خەۋەردە مەزكۇر ئىككى ئاۋىياتسىيە لىنىيەسىنىڭ ئېچىلىشىنىڭ شەرقىي تۈركىستاندىن ياۋروپانىڭ يادرولۇق رايونىغا بىۋاسىتە ئۇچىدىغان ئاۋىياتسىيە يۈك تىرانسپورت بوشلۇقىنى تولدۇرغانلىقى دەۋا قىلىنغان. ئاساسلىق توشۇلغان ماللار بولسا ئېلېكتىرونلۇق ئۈسكۈنىلەر ۋە ماشىنا زاپچاسلىرى ئىكەن.

خىتاي ئېلان قىلغان سانلىق مەلۇماتلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، 2016-يىلى 3-ئايدا تۇنجى قېتىملىق خىتاي-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى قاتنىغاندىن تارتىپ بۇلتۇر ئۆكتەبىر ئېيىغىچە بولغان ئارىلىقتا خىتاي-ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزىنىڭ قاتنىغان قېتىم سانى 50 مىڭغا يەتكەن.

خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندا داۋاملاشتۇرۇۋاتقان ئىرقىي قىرغىنچىلىقىنىڭ مۇھىم قىسمى بولغان مەجبۇرىي ئەمگەككە سېلىش جىنايىتى ھازىرغا قەدەر ئىزچىل داۋاملاشماقتا ۋە مەجبۇرىي ئەمگەك مەھسۇلاتلىرى تۆمۈر يول، ھاۋا يولى قاتارلىق تىرانسپورت لىنىيەلىرى ئارقىلىق ياۋروپا، ئاسىيا ئەللىرىگە توختاۋسىز توشۇلماقتا.

بۇ خەۋەر 109 قېتىم كۆرۈلدى
13/04/2026 18:35:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق