ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ بۇ ھەپتە سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى

ئالدىنقى ھەپتە ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، بۇ ھەپتە ئىككى تەرەپ ۋەكىللىرىنىڭ ئىسلامئابادتا قايتا ئۇچرىشىشى مۇمكىنلىكى بىلدۈرۈلدى.

پاكىستان ۋە ئىراننىڭ بىر قىسىم  ئەمەلدارلىرىنىڭ ئىسمىنى ئاشكارىلىماسلىق شەرتى بىلەن بۈگۈن رويتېرس ئاگېنتلىقىغا بىلدۈرۈشىچە، ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ سۆھبەت گۇرۇپپىلىرى ئۇرۇش ئاخىرلاشتۇرۇش سۆھبىتىنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن، بۇ ھەپتە ئاخىرىدا پاكىستانغا قايتا بېرىشى مۇمكىن ئىكەن. ئەمما ئامېرىكا ئەمەلدارلىرى بۇ پىلاننى تېخى مۇئەييەنلەشتۈرمىگەن.

ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ سۆھبەتنى داۋاملاشتۇرۇش ئۈچۈن ئىسلامئابادقا قايتىپ كېلىشى ھەققىدىكى بىر تەكلىپ ۋاشىنگتون ۋە تېھرانغا ئەۋەتىلگەن بولۇپ، ھازىرچە ئېنىق بىر ۋاقىت بېكىتىلمىگەن. ئەمما ئىككى دۆلەت ۋەكىللىرى ئەڭ بالدۇر بولغاندا مۇشۇ ھەپتە ئاخىرىدا قايتا ئۇچرىشىشى مۇمكىن ئىكەن.

مەلۇم بولۇشىچە، سۆھبەت ئۈستىلىدە مۇزاكىرە قىلىنىدىغان تېمىلار ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئېچىلىشى، ئىراننىڭ يادرو پىروگراممىسى، ئىرانغا يۈرگۈزۈلگەن خەلقئارالىق جازالار قاتارلىقلار ئىكەن.

ئۆتكەن ھەپتە ئاخىرى پاكىستان پايتەختىدە ئۆتكۈزۈلگەن، ئامېرىكا بىلەن ئىران ئەمەلدارلىرىنىڭ ئون يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتىن بۇيانقى تۇنجى قېتىملىق بىۋاسىتە ئۇچرىشىشى، شۇنداقلا ئىراننىڭ 1979-يىلىدىكى ئىسلام ئىنقىلابىدىن بۇيانقى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ئۇچرىشىشى ھېسابلىنىدىغان ئۇرۇش توختىتىش سۆھبىتى نەتىجىسىز ئاخىرلاشقانىدى.

بۇ خەۋەر 85 قېتىم كۆرۈلدى
14/04/2026 17:50:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق