
قازاقىستان دائىرىلىرى خىتاينىڭ بېسىمىغا باش ئېگىپ، بۇلتۇر نويابىر ئېيىدا خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى باستۇرۇشلىرى ۋە قازاقىستاندىكى كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى نامايىش ئۆتكۈزگەن 19 پائالىيەتچىنىڭ ھەممىسىگە جىنايەت بېكىتىپ، ئېغىر جازالىدى.
ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدە بىلدۈرۈلۈشىچە، قازاقىستاننىڭ تالدىقورغان شەھىرىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى 13-ئاپرېل يېپىق سوت ئېچىپ، ئاخىرقى ھۆكۈمنى ئېلان قىلغان. مەزكۇر پائالىيەتچىلەر ئاتالمىش «مىللەتلەر ئارا ئۆچمەنلىككە قۇتراتقۇلۇق قىلىش» جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەنگەن بولۇپ، 19 كىشىنىڭ 11 گە بەش يىللىق قاماق جازاسى بېرىلگەن. بۇنىڭ ئىچىدە ئىككى ئايالنىڭ كىچىك بالىسى بولغانلىقى ئۈچۈن، جازا كېچىكتۈرۈلۈپ ئىجرا قىلىنىدىكەن. قالغان سەككىز كىشىگە بولسا تۈرمە سىرتىدا نازارەت قىلىنىپ، چەكلىك ئەركىنلىك ئىچىدە ياشايدىغان جازا بېرىلگەن. بۇلاردىن سىرت، 19 پائالىيەتچىنىڭ ھەممىسى سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۈچ يىل مەھرۇم قىلىنغان.
ئەركىن ياۋروپا رادىيوسىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، قازاقىستاننىڭ تەپتىش دائىرىلىرى خىتاينىڭ دىپلوماتىك ئەرزىدىن كېيىن، يەنى خىتاينىڭ ئالمۇتادىكى كونسۇلخانىسى قازاقىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىغا نوتا يوللىغاندىن كېيىن پائالىيەتچىلەرگە قارشى ھەرىكەتكە ئۆتكەن بولۇپ، بۇ ھەقتىكى پاكىتلار ئاشكارىلانغان. ئەينى ۋاقىتتا خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى باش ئەلچىسىمۇ قازاقىستان ئەمەلدارلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ، بۇ مەسىلە ھەققىدە سۆزلەشكەن.
قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ باشقا بىر رېجىمنىڭ بېسىمى ئاستىدا ئۆز پۇقرالىرىنى ئېغىر جازالاش قارارى نۆۋەتتە كۈچلۈك غۇلغۇلا قوزغىدى. خەلقئارا كەچۈرۈم تەشكىلاتى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتە بايانات ئېلان قىلىپ، قازاقىستان دائىرىلىرىنىڭ 19 پائالىيەتچىنى دەرھال قويۇپ بېرىشى، جىنايى ھۆكۈملىرى ۋە جازالىرىنى بىكار قىلىشى كېرەكلىكىنى، چۈنكى ئۇلارنىڭ پەقەت ئۆزلىرىنىڭ ئىنسانىي ھەق-ھوقۇقلىرىنى تىنچ ئۇسۇلدا قوغداشقا تىرىشقانلىقىنى، تىنچ نامايىشنى «ئۆچمەنلىك قوزغاش» دېگەن مۈجمەل باھانە بىلەن جىنايەت قاتارىغا كىرگۈزۈشنىڭ ئەمەلىيەتتە ئادالەتنى دەپسەندە قىلىش ۋە خەلقئارا ئىنسان ھەقلىرى ئۆلچەملىرىگە ھاقارەت قىلىش ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى.
بۇلتۇر 14-نويابىر قازاقىستاننىڭ ئالمۇتا شەھىرىدىكى ئۇيغۇرلار كۆپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا بىر تۈركۈم قازاقىستان پۇقراسى خىتايغا قارشى نامايىش ئۆتكۈزۈپ، خىتاي بايرىقى ۋە شى جىنپىڭنىڭ سۈرىتىنى كۆيدۈرگەندىن كېيىن، نامايىشچىلار قولغا ئېلىنغانىدى. ئەينى ۋاقىتتا نامايىشچىلار مەقسىتىنىڭ خىتاينىڭ قازاقىستاندىكى كېڭەيمىچىلىكىگە قارشى چىقىش ۋە شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي تەرىپىدىن تۇتقۇن قىلىنغان، ئىز-دېرىكى بولمىغان بىر قازاقىستان پۇقراسى ئۈچۈن ئاۋاز چىقىرىش ئىكەنلىكىنى بىلدۈرۈشكەنىدى.