
ئالدىنقى ئايدا خىتاينىڭ بېسىمى سەۋەبلىك، ئۇيغۇر تەتقىقات مەركىزىنىڭ رەئىسى، پائالىيەتچى ئابدۇلھەكىم ئىدرىس خىتاي دائىرىلىرىنىڭ تەلىپى بىلەن مالايشىيادا بىر كۈنگە يېقىن تۇتۇپ تۇرۇلغان ۋە ئارقىدىن چېگرادىن قوغلاپ چىقىرىلغان. بۇنىڭ بىلەن ئۇنىڭ ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقىغا ئالاقىدار كىتابىنىڭ مالاي تىلىدىكى نەشرىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمىمۇ توسقۇنلۇققا ئۇچرىغان.
ئەركىنلىك سارىيى بۈگۈن ئېلان قىلغان زىيارەت خەۋىرىدە بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئابدۇلھەكىم ئىدرىس 2022-يىلىدىن باشلاپ مالايشىياغا كۆپ قېتىم بېرىپ پائالىيەت قىلىۋاتقانلىقىنى، «قىزىل قىيامەت: خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنى مۇستەملىكە قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق كىتابنىڭ ھازىرغا قەدەر تۈرك، ئەرەب، مالاي ۋە ھىندونېزىيە تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنغانلىقىنى، ئىلگىرى ھىندونېزىيەدە كىتابنى تونۇشتۇرۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزگەندە، خىتاي ئەلچىخانىسىنىڭ يەرلىك كىشىلەرنى قۇترىتىپ، ئۆزىنىڭ سۈرىتىنى ۋە كىتابلىرىنى كۆيدۈرگۈزگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
ئابدۇلھەكىم ئىدرىسنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇ «قىزىل قىيامەت: خىتاينىڭ ئىسلام دۇنياسىنى مۇستەملىكە قىلىشى ۋە ئۇيغۇر ئىرقىي قىرغىنچىلىقى» ناملىق كىتابىنىڭ مالاي تىلىدىكى نەشرىنى ئېلان قىلىش مۇراسىمىنى ئۆتكۈزۈش ئۈچۈن، مالايشىيادىكى ھەمكارلاشقۇچىلارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ۋە تەكلىپىگە ئاساسەن 29-مارت كۇئالالۇمپۇرغا بارغان. ئەمما چېگرا تەكشۈرۈش بۆلۈمىگە بارغاندا، بىر ئەمەلدار ئۇنى چەتكە تارتىپ پاسپورتىنى ئېلىۋالغان. يەنە بىر ساقچى بولسا ئۇنىڭ چېگرادىن كىرىشىنىڭ رەت قىلىنغانلىقىنى ۋە قوغلاپ چىقىرىلىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، ئۇنى ئايرودۇرۇمدىكى ۋاقىتلىق تۇتۇپ تۇرۇش ئورنىغا سولاپ قويغان.
ئۇ ئۆزىنىڭ ئامېرىكا پۇقراسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مالايشىياغا ۋىزىسىز كىرىش ھوقۇقى بارلىقىنى، ئەمما پاسپورتى تارتىۋېلىنىپ، ھېچقانداق سەۋەبسىز 21 سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى، بۇ جەرياندا ساقچىلارنىڭ ئۇنىڭغا خۇددى جىنايەتچىدەك مۇئامىلە قىلغانلىقىنى، ئاخىردا تۆت ساقچىنىڭ نازارىتىدە ئايروپىلانغا سېلىنىپ، ئىستانبۇل ئارقىلىق ئامېرىكىغا قايتۇرۇلغانلىقىنى بىلدۈرگەن. مالايشىيادىكى ھەمكارلاشقۇچىلار ئۇنىڭ كىرىشىگە رۇخسەت قىلىنماسلىقى بېيجىڭنىڭ بىۋاسىتە بېسىمى سەۋەبلىك ئىكەنلىكىنى ئېيتقان.
ئابدۇلھەكىم ئىدرىس يەنە 2024-يىلى ۋە 2025-يىلى ھىندونېزىيەگە بارغاندىمۇ، مۇشۇنىڭغا ئوخشاش بېسىملارغا دۇچ كەلگەنلىكىنى، 2025-يىلىدىكى سەپىرىدە ئايرودۇرۇمدا ئۈچ سائەت تۇتۇپ تۇرۇلغانلىقىنى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ ئارىلىشىشى بىلەن ئاندىن چېگرادىن كىرەلىگەنلىكىنى، بۇ قېتىم مالايشىيادا ئامېرىكا ئەلچىخانىسىنىڭ تىرىشچانلىقىغا قارىماي خىتاينىڭ بېسىمىنىڭ ئۈستۈن كەلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ۋەقە خىتاينىڭ چەت ئەلگە سوزۇلغان باستۇرۇش ھەرىكىتىنىڭ ئەڭ يېڭى مىسالى بولۇپ، «ئەركىنلىك سارىيى» دۆلەت ھالقىغان بۇ باستۇرۇش قىلمىشىنىڭ چەت ئەلدە پائالىيەت قىلىۋاتقان بارلىق ئامېرىكىلىق پائالىيەتچىلەر، ژۇرنالىستلار ۋە تەتقىقاتچىلار ئۈچۈن خەتەرلىك بىر باشلىنىش ھېسابلىنىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.