خىتاي شەرقىي تۈركىستاندا بىۋاسىتە باشقۇرۇلىدىغان يېڭى شەھەر تەسىس قىلدى

خىتاي يېقىنقى مەزگىللەردە ئىشغالىيەت ئاستىدىكى شەرقىي تۈركىستاندا يېڭى ناھىيە، شەھەرلەرنى ئارقىمۇ ئارقا تەسىس قىلىۋاتقان بولۇپ، بۈگۈن يەنە بىۋاسىتە باشقۇرۇلىدىغان ساۋخۇ شەھىرى تەسىس قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋىرىدە خىتاي كوممۇنىست پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ۋە خىتاي دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ 17-ئاپرېل تەستىقلىشى بىلەن، شەرقىي تۈركىستاندا ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» تەرىپىدىن بىۋاسىتە باشقۇرۇلىدىغان ساۋخۇ شەھىرى تەسىس قىلىنغانلىقى، مەزكۇر شەھەرنىڭ ناھىيە دەرىجىلىك ئىكەنلىكى، شەھەرلىك ھۆكۈمەتنىڭ ساۋخۇ يېزىسىغا جايلىشىدىغانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

مەلۇم بولۇشىچە، خىتاينىڭ ئاتالمىش «41-دىۋىزىيە»سى جايلاشقان مەزكۇر جاي قەشقەر شەھىرى، كونىشەھەر ناھىيەسى، يېڭىشەھەر ناھىيەسى ۋە ئاقتۇ ناھىيەسىنىڭ كېسىشكەن يېرىگە جايلاشقان بولۇپ، قەشقەر شەھىرىگە 23 كىلومېتىر كېلىدىكەن.

خىتاي 2024-يىلى دېكابىر ئېيىدا خوتەن ۋىلايىتىدە «خېئەن ناھىيەسى» ۋە «خېكاڭ ناھىيەسى» دەپ خىتايچە نام بېرىلگەن ئىككى ناھىيە تەسىس قىلغان بولسا، ئالدىنقى ئايدا قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ غەربىي جەنۇبىغا جايلاشقان، تاجىكىستان، ئافغانىستان بىلەن چېگرالىنىدىغان ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىياغا ئۆتىدىغان ھالقىلىق يولغا جايلاشقان رايوندا «سېنلىڭ» ناھىيەسى تەسىس قىلغانىدى.

خىتاي بۈگۈن يېڭىدىن تەسىس قىلغان ساۋخۇ شەھىرىنىڭ ئالاھىدە جۇغراپىيەلىك ئورۇنغا جايلىشىشى ۋە ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەت» تەرىپىدىن بىۋاسىتە باشقۇرۇلۇشى دىققەت قوزغىماقتا.

بۇ خەۋەر 127 قېتىم كۆرۈلدى
17/04/2026 16:41:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق