ئۇيغۇر سىياسىيون ئەرفىيە دۇنياۋى ياش رەھبەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالدى

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى تەرىپىدىن ئېلان قىلىنىپ كېلىۋاتقان «دۇنياۋى ياش رەھبەرلەر»نىڭ بۇ يىللىق تىزىملىكىدە ياپونىيە سىياسەت سەھنىسىدە مۇھىم رول ئويناۋاتقان ئۇيغۇر سىياسىيون ئەرفىيە ئېرى (ئەرفىيە ئەلى)مۇ ئورۇن ئالدى.

دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرىنىڭ مەزكۇر پىروگراممىسى 1992-يىلىدىن تارتىپ داۋاملىشىپ كېلىۋاتقان بولۇپ، 2003-يىلى ھازىرقى ئىسمىغا ئۆزگەرتىلگەن. دۇنيا ئىقتىساد مۇنبىرى بولسا دۇنيادا تەسىرى كۈچلۈك بولغان داۋۇس يىللىق يىغىنىنىڭ تەشكىللىگۈچى ئورگان.

2026-يىللىق «دۇنياۋى ياش رەھبەرلەر» تىزىملىكىگە 55 دۆلەتتىن تاللانغان، 40 ياشتىن تۆۋەن بولغان 118 نەپەر ياش تاللاپ كىرگۈزۈلگەن. تىزىملىك ئاكادېمىيە، سودا، سەنئەت، مېدىيا، ھۆكۈمەت... قاتارلىق كۆپلىگەن كاتېگورىيە بويىچە تۇرغۇزۇلغان بولۇپ، ئۇيغۇر قىز ئەرفىيە ئېرى ھۆكۈمەت كاتېگورىيەسىدىكى ياش رەھبەرلەر قاتارىدىن ئورۇن ئالغان.

نۆۋەتتە ياپونىيەدە مۇئاۋىن تاشقى ئىشلار ۋەزىرلىك ۋەزىپىسىنى ئۆتەۋاتقان ئۇيغۇر قىز ئەرفىيە يەنە ئاۋام پالاتاسى سايلىمىدا ئارقىمۇ ئارقا ئۈچ قېتىم ئۇتۇپ چىقىپ، پالاتا ئەزاسى بولۇپ سايلانغان. ياپونىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر ئۇيغۇرنى مۇھىم ۋەزىپىلەرگە قويۇشى ۋە ئەرفىيەنىڭ ئىزچىل تەرىقىدە خىتاينىڭ شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىرقىي قىرغىنچىلىق جىنايىتىنى ئەيىبلىشى، ياپونىيەگە بولغان تەھدىتى ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇشى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلىپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 110 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2026 11:32:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق