ياپونىيەنىڭ ئۇرۇش پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىغا كىردى

ياپونىيە-خىتاي مۇناسىۋىتى داۋاملىق يىرىكلىشىۋاتقان بىر ۋەزىيەتتە، ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيەسىنىڭ ئۇرۇش پاراخوتى 17-ئاپرېل تەيۋەن بوغۇزىنى كېسىپ ئۆتكەن بولۇپ، خىتاي بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈردى.

ياپونىيەنىڭ كىيودو ئاگېنتلىقىنىڭ ئەھۋالدىن خەۋەردار شەخسلەرنى نەقىل كەلتۈرۈپ خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە دېڭىز قوغدىنىش ئارمىيەسىنىڭ «گۈلدۈرماما» ناملىق مۇھاپىزەتچى پاراخوتى 17-ئاپرېل تەيۋەن بوغۇزىغا كىرگەن. بۇ سانائې تاكائىچى باش ۋەزىرلىككە سايلانغاندىن بۇيان ياپونىيە قوغدىنىش ئارمىيەسى پاراخوتىنىڭ تۇنجى قېتىم تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتۈشى ھېسابلىنىدىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، باش ۋەزىر سانائې تاكائىچىنىڭ تەيۋەن ھەققىدىكى بايانلىرىنى قايتا تىلغا ئالدى ۋە ياپونىيەنىڭ بۇ ھەرىكىتىنىڭ قەستەن قۇتراتقۇلۇق قىلىش ئىكەنلىكىنى، خىتاينىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە بىخەتەرلىكىگە ئېغىر تەھدىت شەكىللەندۈرگەنلىكىنى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا قەتئىي قارشى تۇرىدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

خىتاي تەيۋەننىڭ ئۆزىگە تەۋە ئىكەنلىكى ھەققىدە جار سېلىپ كەلگەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى تەيۋەن بوغۇزىنىڭ ئەركىن ھەرىكەت قىلىشقا بولىدىغان خەلقئارالىق دېڭىز تەۋەلىكى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەپ كەلگەن. شۇنداقتىمۇ ياپونىيە ھۆكۈمىتى خىتاي بىلەن مۇناسىۋىتىنىڭ يىرىكلىشىپ كېتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، يىللاردىن بۇيان قوغدىنىش قىسىملىرىنى تەيۋەن بوغۇزىغا كىرگۈزمىگەن. پەقەت 2024-يىلى سېنتەبىر ئېيىدا، بۇلتۇر فېۋرال ۋە ئىيۇن ئېيىدا مۇھاپىزەتچى پاراخوتى تەيۋەن بوغۇزىدىن ئۆتكەن.

بۇ خەۋەر 99 قېتىم كۆرۈلدى
18/04/2026 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق