خىتاي شەرقىي تۈركىستان ئارقىلىق تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى يۇمشاق كۈچىنى ئاشۇرۇشقا ئۇرۇنماقتا

خىتاي ئىرقىي قىرغىنچىلىق داۋاملىشىۋاتقان شەرقىي تۈركىستاندا خىتاي - ئوتتۇرا ئاسىيا ياش-ئۆسمۈرلەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئالماشتۇرۇش يىغىنى ئورۇنلاشتۇرغان بولۇپ، خىتاينىڭ يۇمشاق كۈچىنى زورايتىش، ساختا تەشۋىقاتلىرىنى بازارغا سېلىش مەقسەت قىلىنغان مەزكۇر يىغىنغا تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدىكى كۇڭزى ئىنستىتۇتلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى قاتارلىق ۋەكىللەر قاتناشقان.

خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ بۇ ھەقتىكى خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، ئاتالمىش «بىر بەلباغ، بىر يول تەشەببۇسىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ياش-ئۆسمۈرلەر ئوتتۇرىسىدىكى مەدەنىيەت-سەنئەت ئالماشتۇرۇش ئارقىلىق ئەنئەنىۋى دوستلۇقنى داۋاملاشتۇرۇش» قاتارلىقلار دەۋا قىلىنغان خىتاي - ئوتتۇرا ئاسىيا ياش-ئۆسمۈرلەر ئەدەبىيات-سەنئەت ئالماشتۇرۇش يىغىنى قەشقەر ۋىلايىتىنىڭ يوپۇرغا ناھىيەسىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

18-ئاپرېلدىن 22-ئاپرېلغىچە داۋاملىشىدىغان مەزكۇر يىغىنغا قازاقىستان، ئۆزبېكىستان، تاجىكىستان، قىرغىزىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىن كەلگەن ياش-ئۆسمۈرلەر ۋەكىللىرى، ئوقۇتقۇچىلار ۋە باشقا مېھمانلار قاتناشقان.

مەزكۇر يىغىن «ئەدەبىيات-سەنئەت ئالماشتۇرۇش يىغىنى» دەپ ئاتالغان بولۇشى ۋە شەرقىي تۈركىستاندا ئۆتكۈزۈلگەن بولۇشىغا قارىماي، پۈتۈنلەي خىتاي كۈلتۈرىنى تەشۋىق قىلىشقا مەركەزلەشكەن بولۇپ، قەغەز قىيىش، يەلپۈگۈچ بوياش، بوياقچىلىق، گۈل بېسىش، شېكەردە رەسىم سىزىش قاتارلىق خىتاي كۈلتۈرىگە ئالاقىدار پائالىيەتلەر ئورۇنلاشتۇرۇلغان.

خىتاينىڭ ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى يۇمشاق كۈچىنى، ساختا تەشۋىقاتىنى زورايتىش ئۈچۈن خىزمەت قىلىۋاتقان كۇڭزى ئىنستىتۇتىنىڭ ئورگان تور بېتىدىكى ئۇچۇرلاردىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە قازاقىستاندا بەش، قىرغىزىستاندا تۆت، ئۆزبېكىستاندا ئىككى، تاجىكىستاندا ئىككى كۇڭزى ئىنستىتۇتى بار ئىكەن. خۇسۇسەن، بۇ قېتىملىق يىغىنغىمۇ مەركۇز دۆلەتلەردىكى كۇڭزى دەرسخانىلىرىنىڭ ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلىرى قاتناشتۇرۇلغان.

نۆۋەتتە خىتاينىڭ تۈركىستان جۇمھۇرىيەتلىرىدە تەسىر كۈچى بارغانسېرى زورىيىۋاتقان بولۇپ، تۈرلۈك ساھەلەرگە كېڭەيگەن. قازاقىستاندا خىتايغا قارشى نامايىش قىلغان 19 قازاقىستان پۇقراسىنىڭ يېقىندا ئىنتايىن ئېغىر جازالىنىشى بۇنىڭ ئەڭ يېڭى، تىپىك مىساللىرىدىن بىرى ھېسابلىنىدۇ.

بۇ خەۋەر 89 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2026 13:11:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق