ياپونىيە بىلەن ئاۋسترالىيەنىڭ خىتايغا قارشى ھەربىي كېلىشىمى قوزغىتىلدى

ياپونىيە مۇداپىئە ۋەزىرى شىنجىرو كوئىزۇمى بىلەن ئاۋسترالىيە مۇداپىئە مىنىستىرى رىچارد مارلېس 18-ئاپرېل سۆھبەت ئۆتكۈزۈپ، توختام ئىمزالىشى نەتىجىسىدە، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدىكى قىممىتى يەتتە مىليارد دوللارغا يېتىدىغان قورال-ياراغ سېتىۋېلىش كېلىشىمى رەسمىي قوزغىتىلدى.

رويتېرس، كىيودو ئاگېنتلىقى قاتارلىق خەۋەر ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، مەزكۇر كېلىشىمگە ئاساسەن ياپونىيە مىتسۇبىشى ئېغىر سانائىتى 2029-يىلىدىن باشلاپ ئاۋسترالىيە خان جەمەتى دېڭىز ئارمىيەسىگە ياپونىيەدە ياسالغان، دەرىجىسى يۈكسەلدۈرۈلگەن ئۈچ دانە قوغدىغۇچى پاراخوتنى تاپشۇرۇپ بېرىدىكەن، قالغان سەككىز پاراخوت ئاۋسترالىيە تەۋەلىكىدە ياسىلىدىكەن. مەزكۇر ئۇرۇش پاراخوتلىرى باشقا ئۇرۇش پاراخوتلىرىغا، سۇ ئاستى پاراخوتىغا زەربە بېرىش، ھاۋا مۇداپىئەسى قاتارلىق كۆپ خىل جەڭ قىلىش ئىقتىدارىغا ئىگە ئىكەن.

بۇ كېلىشىم بۇلتۇر 8-ئايدا ئوتتۇرىغا قويۇلغان بولۇپ، مەزكۇر ھەربىي توختام ياپونىيە 2014-يىلى قورال-ياراغ ئېكسپورت چەكلىمىسىنى بىكار قىلغاندىن بۇيانقى ئەڭ مۇھىم قورال-ياراغ سېتىش سودىسى ھېسابلىنىدىكەن.

خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، ئاۋسترالىيە بۇ پاراخوتلارنى ھىندى-تىنچ ئوكياندىكى مۇھىم دېڭىز سودا لىنىيەلىرىگە ھەمدە شىمالىي دېڭىز تەۋەلىكىگە ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىتاينىڭ مەزكۇر رايونلاردا كۈنسېرى كېڭىيىۋاتقان ھەربىي مەۋجۇتلۇقىغا تاقابىل تۇرۇشنى پىلانلىغان.

بۇ خەۋەر 117 قېتىم كۆرۈلدى
20/04/2026 17:44:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق