
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەت تارىخىنى بۇرمىلاش ئۈچۈن، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان «ئۇيغۇر مۇقامىنى قۇتقۇزۇۋالغان تۇنجى كىشى» دەپ كۆپتۈرۈپ، بۇرمىلاپ تەشۋىق قىلىۋاتقان ۋەن تۇڭشۇ ئىسىملىك خىتاي تەسۋىرلەنگەن ساختا تەشۋىقات كىنوسى رەسمىي قويۇلۇشقا باشلىدى.
ئاتالمىش «ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق» تەشۋىقات بۆلۈمى ۋە تەڭرىتاغ كىنو ئىستۇدىيەسى مەسئۇل بولۇپ ئىشلىگەن «ۋەن تۇڭشۇ» ناملىق كىنو 20-ئاپرېل تۇنجى بولۇپ شەرقىي تۈركىستاندا قويۇلغان. 21-ئاپرېل بېيجىڭدا مەزكۇر كىنونىڭ تۇنجى قويۇلۇش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلگەن بولۇپ، 30-ئاپرېل خىتاي ئۆلكىلىرىدە قويۇلۇشقا باشلايدىكەن.
خىتاينىڭ 2025-يىلىدىكى نۇقتىلىق پىلانلانغان كىنولىرىدىن بىرى بولغان مەزكۇر كىنوغا ئۇيغۇر رېژىسسور شىرزات ياقۇپ رېژىسسورلۇق قىلغان بولۇپ، داڭلىق ئارتىس، سەنئەتكار ھوشۇر سەلەي (ھوشۇر قارى) ياشانغان تۇردى ئاخۇن رولىنى ئوينىغان.
خىتاي تەشۋىقات ۋاسىتىلىرىنىڭ خەۋەرلىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، مەزكۇر كىنودا ئۆتمۈشتە تۇردى ئاخۇنغا ئوخشاش خەلق سەنئەتكارلىرىنىڭ ئېچىنىشلىق ھايات كەچۈرىدىغانلىقى، يەرلىك ئەمەلدارلارنىڭ ئۇلارنى تۆۋەن كۆرۈپ خورلايدىغانلىقى، خىتاي كومپارتىيەسىنىڭ ۋە ۋەن تۇڭشۇ قاتارلىق خىتايلارنىڭ بولسا ئۇيغۇر خەلقىنىڭ، ئۇيغۇر مەدەنىيىتىنىڭ، سەنئىتىنىڭ قۇتقۇزغۇچىسى، باشپاناھى بولغانلىقىدەك سەپسەتىلەرنى، ئويدۇرما تارىخنى ئىپادىلەش ئاساسلىق مەقسەت قىلىنغان.
ۋەن تۇڭشۇ 2023-يىلى 1-ئايدا 99 يېشىدا ئۆلگەن بولۇپ، خىتاي شۇ يىلى ئىيۇل ئېيىدا ئۈرۈمچىدىكى ئاتالمىش «شىنجاڭ» سەنئەت ئىنستىتۇتىدا «ۋەن تۇڭشۇ مۇقام ئارخىپخانىسى مۇزېيى» ئاچقانىدى.
خىتاي شەرقىي تۈركىستاندىكى ئىشغالىيەت تارىخىنى پەردازلاش ئۈچۈن، ساختا تەشۋىقاتلىرىغا ئالاھىدە كۈچەپ كەلگەن بولۇپ، يېقىنقى يىللاردا يۇقىرى پەللىگە چىققان. بۇنىڭ جۈملىسىدىن، خىتاي ئۇيغۇرلارنىڭ ئۆلمەس بايلىقى ھېسابلىنىدىغان 12 مۇقامنىڭ ھازىرغا قەدەر ساقلىنىپ قېلىشىدا تۇرداخۇن ئاكىغا ئوخشاش ئۇيغۇر خەلق سەنئەتكارلىرىنى ئەمەس، بەلكى مۇقام رەتلەش خىزمىتىگە قاتنىشىپ قالغان بىر خىتاينى قۇتقۇزغۇچى سۈپىتىدە كۆپتۈرۈپ تەشۋىق قىلماقتا.