تىرامپ خىتايدىن ئىرانغا يوللانغان «سوۋغات»نى تۇتۇپ قالغانلىقىنى بىلدۈردى

ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ خىتايدىن ئىرانغا ماڭغان بىر پاراخوتنى تۇتۇپ قالغانلىقىنى، پاراخوتتا خىتاي ئىرانغا يوللىغان «سوۋغاتلار» بارلىقىنى بىلدۈردى. ئۇ ئالدىنقى ھەپتە شى جىنپىڭنىڭ ئىراننى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىمەيدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

تىرامپ 21-ئاپرېل CNBC قانىلىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا: «بىز تۈنۈگۈن مەلۇم نەرسىلەر بېسىلغان بىر پاراخوتنى تۇتۇپ قالدۇق. ئۇلار تازا ياخشى نەرسە ئەمەس، خىتايدىن كەلگەن سوۋغات» دېگەنلەرنى بىلدۈردى ۋە ئۆزىنىڭ بىرئاز ھەيران قالغانلىقىنى، ئەسلىدە ئۆزى بىلەن شى جىنپىڭ ئوتتۇرىسىدا يوشۇرۇن كېلىشىم بار، دەپ ئويلىغانلىقىنى ئىلاۋە قىلدى.

ئامېرىكا سەيشەنبە كۈنى خىتايدىن ئىرانغا قاراپ ماڭغان بىر ئىران پاراخوتىنى ھورمۇز بوغۇزىدا تۇتۇپ قالغانلىقىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، ئامېرىكا دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ مەزكۇر پاراخوتنى بومباردىمان قىلىپ، بىر تۆشۈك ئاچقاندىن كېيىن، پاراخوتنى توختاتقانلىقى بىلدۈرۈلگەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاراخوت تۇتۇپ قېلىش ۋەقەسىگە دىققەت قىلىۋاتقانلىقى، خىتاينىڭ ئالاقىدار تەرەپلەرنى مەسئۇلىيەتچان پوزىتسىيە بىلەن ئۇرۇش توختىتىش كېلىشىمىگە ئەمەل قىلىشقا، زىددىيەتنى ئۆتكۈرلەشتۈرۈۋېتىشتىن ۋە ۋەزىيەتنىڭ جىددىيلەشتۈرۈۋېتىشتىن ساقلىنىشقا چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

تىرامپ 15-ئاپرېلدىكى سۆزىدە ئۆزىنىڭ شى جىنپىڭغا مەكتۇپ يوللاپ، ئىراننى قورال-ياراغ بىلەن تەمىنلىمەسلىكنى تەلەپ قىلغانلىقىنى، شى جىنپىڭنىڭ ئۇنداق قىلمايدىغانلىقى ھەققىدە ۋەدە بەرگەنلىكىنى ئېيتقانىدى.

بۇ خەۋەر 89 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2026 14:26:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق