مائارىپ جەمئىيىتىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ھەيئەت سۇرىيەدە زىيارەتتە بولدى

 

ئىسلام دۇنياسى ئاممىۋى تەشكىلاتلار بىرلىكىنىڭ (İDSB) تەشكىللىشى بىلەن، تۈركىيەدىكى بىر قىسىم تەشكىلات ۋەكىللىرى سۇرىيەگە زىيارەتكە بارغان بولۇپ، مەزكۇر بىرلىكنىڭ ئەزا تەشكىلاتلىرىدىن بىرى بولغان شەرقىي تۈركىستان مائارىپ ۋە ھەمكارلىق جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى مۇساجان ئەر ۋە مۇئاۋىن رەئىسى ئابدۇلئەھەد ئابدۇراھمان زىيارەت ئۆمىكىدىن ئورۇن ئالدى.

زىيارەت ئۆمىكى ھەلەب شەھىرىدىكى تۈركىيە باش كونسۇلخانىسىنى زىيارەت قىلغاندىن سىرت،  سۇرىيە ئاپەت ئىشلىرى مىنىستىرى، ئەمگەك ۋە ئىجتىمائىي مۇلازىمەت مىنىستىرى، ۋەقفىلەر مىنىستىرى، مەبلەغ ۋە تەرەققىيات مۇئاۋىن مىنىستىرى قاتارلىق بىر قىسىم دۆلەت ئەربابلىرى بىلەن كۆرۈشۈپ سۆھبەتلەشكەن.

بۇ قېتىملىق زىيارەتنىڭ ئاخىرقى بېكىتى بولغان ئىدلىبتىمۇ بىر قىسىم ئۇچرىشىشلار روياپقا چىققان.

 

بۇ خەۋەر 211 قېتىم كۆرۈلدى
22/04/2026 18:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق