
گوللاندىيە ھەربىي ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى يىللىق دوكلاتىدا، خىتاي شىركەتلىرىنىڭ رۇسىيەگە سۈنئىي ھەمراھ تېخنىكىسى ۋە سۈنئىي ھەمراھ سۈرەتلىرىنى ساتقانلىقىنى، مەزكۇر شىركەتلەر غەرب ئەللىرىنىڭ جازاسىدىن قېچىش ئۈچۈن، رۇسىيە ئالەم قاتنىشى شىركەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنى يوشۇرۇن داۋاملاشتۇرۇۋاتقانلىقىنى ئاشكارىلىدى.
گوللاندىيە ھەربىي ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، رۇسىيە ئۇرۇش مەيدانىدىن ئىستىخبارات ئۇچۇرى توپلاش ئىقتىدارىغا ئىگە سۈنئىي ھەمراھ جەھەتتە قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن بولۇپ، خەلقئارالىق جازالار سەۋەبلىك ئۈسكۈنىلەرگە ئېرىشىشى تېخىمۇ قىيىنلاشقان. بۇلاردىن سىرت، ئالىي تېخنىك خادىملارنىڭ كەمچىل بولۇشى مەسىلىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇۋەتكەن. نەتىجىدە، رۇسىيە بۇ خىل «ھەل قىلىش چارىلىرى»گە يۈزلەنگەن.
گوللاندىيە ۋاقىت گېزىتىنىڭ 21-ئاپرېلدىكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى پېتېر رېسىنك خىتايدىن رۇسىيەگە ئۇچقۇچىسىز ئايروپىلان زاپچاسلىرىنىڭ ئەۋەتىلىۋاتقانلىقىنىمۇ كۆزەتكەنلىكىنى تىلغا ئالغان ۋە خىتاينىڭ ئۇكرائىنا ئۇرۇشىنىڭ داۋاملىشىشىدىن مەنپەئەتكە ئېرىشىدىغانلىقىنى تەكىتلەپ: «ئەگەر ئۇرۇش توختىسا ياكى ئاخىرلاشسا، دىققەت نۇقتىسى خىتايغا بۇرۇلىدۇ» دېگەن.
گوللاندىيە ھەربىي ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى خىتاي شىركەتلىرى بىلەن رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئالەم تېخنىكىسى ساھەسىدىكى ئالاقىسىنى «ئەندىشە قىلارلىق» دەپ سۈپەتلىگەن ھەمدە كەلگۈسى بىر نەچچە يىلدا بۇ ھەمكارلىقنىڭ تېخىمۇ كېڭىيىدىغانلىقىنى، خىتاينىڭ نۆۋەتتە ساختا بىتەرەپ مەيداندا تۇرۇۋاتقانلىقىنى، ئەمەلىيەتتە بولسا ئۆتكەن بىر يىلدا رۇسىيە بىلەن ھەربىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتكەنلىكىنى تەكىتلىگەن.