
ئەنگلىيەدىكى بىر ساغلاملىق ساخاۋەت ئورگىنىنىڭ بىيولوگىيەلىك ئەۋرىشكە ئامبىرىدىكى 500 مىڭ كىشىنىڭ ئۇچۇرى خىتاينىڭ خەلقئارالىق سودا سۇپىسى ئەلىبابادا سېتىشقا چىقىرىلغان بولۇپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتى بۇ ۋەقەنى تەكشۈرۈشكە باشلىغان.
فىرانسىيە خەلقئارا رادىيوسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئەنگلىيەدىكى ساغلاملىق ساخاۋەت ئورگىنى - «ئەنگلىيە بىيولوگىيەلىك ئەۋرىشكە ئامبىرى» دۈشەنبە كۈنى ھۆكۈمەتكە دوكلات قىلىپ، ئۆزلىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنىڭ خىتايدىكى بىر قانچە ساتقۇچى تەرىپىدىن ئەلىبابا سودا سۇپىسىدا ئوخشىمىغان ئۈچ خىل تاۋار سۈپىتىدە سېتىشقا چىقىرىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
مەزكۇر ئورگان تەتقىقاتچىلارنى نامسىز سانلىق مەلۇمات بىلەن تەمىنلەيدىغان بولغاچقا، 500 مىڭ پىدائىينىڭ سانلىق مەلۇماتلىرى ئۇلارنىڭ ئىسىم-فامىلىسى، ئادرېسى، تېلېفون نومۇرىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدىكەن.
ئەنگلىيە ئىلىم-پەن، يېڭىلىق يارىتىش ۋە تېخنىكا ۋازارىتىنىڭ ئالاقىدار ئەمەلدارى بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئەنگلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەلىبابا شىركىتى بىلەن ئالاقىلاشقانلىقىنى، سانلىق مەلۇماتلار سۇپىدىن ئۆچۈرۈلۈشتىن بۇرۇن، ھېچقانداق سېتىۋېلىش ئەھۋالى كۆرۈلمىگەنلىكىنى، ۋەقەنىڭ داۋاملىق تەكشۈرۈلۈۋاتقانلىقىنى ئېيتقان.
بىلدۈرۈلۈشىچە، سانلىق مەلۇماتلارنىڭ تېخىمۇ كۆپلەپ چۈشۈرۈۋېلىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن، تېخنىكىلىق تەدبىرلەر قوللىنىلىۋاتقان مەزگىلدە، ئەنگلىيە بىيولوگىيەلىك ئەۋرىشكە ئامبىرىنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى زىيارەت قىلىش ۋاقتىنچە توختىتىلغان.