داڭلىق «Labubu» قورچاقلىرىغا شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى

خىتاي شىركىتى ئىشلەپچىقارغان «Labubu» قورچاقلىرىغا قانغا بويالغان شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلاندى. پۈتۈن دۇنيادا ئالاھىدە قارشى ئېلىشقا ئېرىشكەن بۇ قورچاقلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق بولۇشى كۈچلۈك دىققەت قوزغىدى.

Labubu قورچاقلىرى خىتاي شىركىتى پوپ مارتنىڭ (Pop Mart) مەھسۇلاتى بولۇپ، يېقىنقى يىللار مابەينىدە مەزكۇر قورچاقلارنىڭ پۈتۈن دۇنيا مىقياسىدا بازىرى چىقىشى پوپ مارتنى داڭلىق ماركىغا ئايلاندۇرغان.

ھالبۇكى، نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتىنىڭ مەخسۇس تەكشۈرۈپ ئېنىقلىشى نەتىجىسىدە، ئەۋرىشكە قورچاقلارنىڭ كۆپىنچىسىگە شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ئىشلىتىلگەنلىكى مەلۇم بولغان. مەزكۇر تەكشۈرۈش بۇلتۇر ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتىنىڭ ھاۋالىسى بىلەن باشلانغان.

تەكشۈرۈش جەريانىدا ساختا ماللارنىڭ نەتىجىگە تەسىر كۆرسىتىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن، ئەۋرىشكە قورچاقلارنىڭ ھەقىقىي مال ئىكەنلىكىگە كاپالەتلىك قىلىنغان. ئىزوتوپ ئانالىزى ئارقىلىق، 20 تال قورچاقنىڭ 16 سىگە شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ئىشلىتىلگەنلىكى ئېنىقلانغان.

نىيۇيورك ۋاقىت گېزىتى 23-ئاپرېلدىكى مەخسۇس خەۋىرىدە بۇ ھەقتىكى تەپسىلاتلارنى ئاشكارىلىدى. خەۋەردە قەيت قىلىنىشىچە، پوپ مارت شىركىتىنىڭ باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، شىركەتنىڭ تەمىنلەش زەنجىرىدىن شەرقىي تۈركىستان پاختىسى چىقىش مەسىلىسىنى تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى، ئامېرىكا بازىرىغا قاراتقان مەھسۇلاتلىرى ئۈچۈن باشقا پاختا ماتېرىيالى ئىشلىتىشنى پىلانلاۋاتقانلىقىنى دەۋا قىلغان.

نۆۋەتتە ئۇيغۇر ھەرىكىتى تەشكىلاتى پوپ مارت شىركىتىنىڭ شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ئىشلەتكەنلىكى ھەققىدىكى مەلۇماتلارنى ئامېرىكا تاموژنا ۋە چېگرا قوغداش ئىدارىسىغا يوللىغان. ئەگەر شىركەتنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىجرا قىلىۋاتقان «ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىنى چەكلەش قانۇنى»غا خىلاپلىق قىلغانلىقى بېكىتىلسە، جازا تىزىملىكىگە كىرگۈزۈلۈشى مۇمكىن ئىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي رېجىمى Labubu قورچاقلىرىنى خىتاي مودا مەدەنىيىتىنىڭ سىمۋوللۇق بەلگىلىرىدىن بىرى سۈپىتىدە تەشۋىق قىلىپ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى دونالد تىرامپ كېلەر ئايدا خىتاينى زىيارەت قىلىشنى پىلانلىغان بىر ۋەزىيەتتە، بۇ مەسىلىنىڭ كۈنتەرتىپكە كېلىشى تىرامپ ھۆكۈمىتى ئۈچۈن بىر سىناق ھېسابلىنىدىكەن.

بۇندىن ئىلگىرىمۇ خەلقئارالىق بازارلاردىكى مەھسۇلاتلارنىڭ ئۇيغۇر مەجبۇرىي ئەمگىكىگە چېتىشلىق ئىكەنلىكى ھەققىدىكى تەكشۈرۈشلەر دۇنيانىڭ دىققىتىنى قوزغىغانىدى. بىرلەشمە خەۋەر ئاگېنتلىقى 2024-يىلى ماي ئېيىدا ئېلان قىلغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە، ئامېرىكا ۋە خەلقئارادىكى پارچە ساتقۇچى شىركەتلەر ساتقان مەھسۇلاتلارنىڭ %19 ىدە شەرقىي تۈركىستان پاختىسى ئىشلىتىلگەنلىكى ئاشكارىلانغانىدى.

بۇ خەۋەر 82 قېتىم كۆرۈلدى
24/04/2026 14:04:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق