ئاقساراي خىتاينىڭ ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئوغرىلىغانلىقىنى ئەيىبلىدى

ئاقساراي 23-ئاپرېل بىر ئىچكى ماتېرىيالىنى ئېلان قىلىپ، خىتاينى ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تەجرىبىخانىلىرىنىڭ ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى «سانائەت كۆلىمى»دە ئوغرىلاش بىلەن ئەيىبلىدى ۋە ھەل قىلىش چارىلىرىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

ئامېرىكا ئاۋازىنىڭ خەۋىرىدە قەيت قىلىنىشىچە، ئاقساراي پەن-تېخنىكا سىياسىتى ئىشخانىسىنىڭ مۇدىرى مايكېل كىراتسىيوس بۇ ھەقتە توختىلىپ، ئاساسلىقى خىتايدا تۇرۇشلۇق بەزى چەت ئەل ئورگانلىرىنىڭ ئامېرىكىنىڭ سۈنئىي ئەقىل تېخنىكىسىنى ئوغرىلاش ئۈچۈن، «سانائەت كۆلىمى»دە ھەرىكەت قىلىۋاتقانلىقىنى، ئون مىڭلىغان ۋاكالەتچى مۇلازىمىتېر قاتارلىق ۋاسىتىلەردىن پايدىلىنىپ، ئۆزئارا ماسلىشىپ، ئامېرىكىنىڭ بۆسۈش خاراكتېرلىك تېخنىكا نەتىجىلىرىنى سىستېمىلىق ئوغرىلاۋاتقانلىقىنى تەكىتلىگەن.

ئىچكى ماتېرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ تەھدىتكە تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر قاتار تەدبىرلەرنى قوللىنىدىغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە ئامېرىكا سۈنئىي ئەقىل شىركەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۇچۇرلارنى ئۆزئارا ئورتاقلىشىشى، چەت ئەلنىڭ رۇخسەتسىز، سانائەت كۆلىمىدىكى ھەرىكەتلىرىنى دوكلات قىلىش، خۇسۇسىي كارخانىلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، بۇ خىل پائالىيەتلەرنى بايقاش، توسۇش ئۈچۈن يېتەكچى پىرىنسىپلارنى تۈزۈش، چەت ئەلنىڭ بۇ خىل پائالىيەتلىرىگە بولغان جاۋابكارلىقىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق بىر قاتار تەدبىرلەر بار ئىكەن.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى تۈنۈگۈن بۇ ھەقتىكى سوئالغا جاۋاب بېرىپ، ئامېرىكىنىڭ بايانلىرىنىڭ ئاساسسىز ئىكەنلىكى، خىتاينىڭ سۈنئىي ئەقىل ساھەسىدىكى تەرەققىياتىغا قارا سۈركىگەنلىكى، خىتاينىڭ بۇنىڭغا نارازىلىق بىلدۈرىدىغانلىقى ۋە ئامېرىكىنى تېخنىكا جەھەتتىن ھەمكارلىشىشقا چاقىرىدىغانلىقى ھەققىدە جار سالدى.

بۇ خەۋەر 59 قېتىم كۆرۈلدى
25/04/2026 12:20:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق