ئون دۆلەت خىتاينىڭ تور ھۇجۇمى ھەققىدە ئورتاق ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلدى

ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق ئون دۆلەت ئورتاق ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلىپ، خىتايغا جايلاشقان ياكى خىتايغا چېتىشلىق يامان غەرەزلىك خاككېرلارنىڭ كۆپىنچە ھالدا يانفون قاتارلىق ئوخشاش ھۇجۇم قىلىش بىر قەدەر ئاسان بولغان ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئۈسكۈنىلەر ئارقىلىق، تور ھۇجۇملىرىنىڭ ئەسلى مەنبەسىنى يوشۇرىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى قىيىنلاشتۇرۇۋېتىدىغانلىقىنى تەكىتلىدى.

مەركىزىي ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ ئاگاھلاندۇرۇشنى ئېلان قىلىشقا قاتناشقان ئورگانلار ئەنگلىيە دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك مەركىزى، ئاۋسترالىيە تور بىخەتەرلىك مەركىزى، كانادا تور بىخەتەرلىك مەركىزى، گېرمانىيە فېدېراتىپ ئاساسىي قانۇننى قوغداش ئىدارىسى ۋە فېدېراتىپ ئۇچۇر بىخەتەرلىكى ئىدارىسى، ياپونىيە دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك باشقارمىسى، گوللاندىيە ھەربىي ئىستىخبارات ۋە بىخەتەرلىك ئىدارىسى قاتارلىقلار ئىكەن.

بۇنىڭدىن باشقا، يېڭى زېلاندىيە، ئىسپانىيە، شىۋېتسىيەنىڭ بىخەتەرلىك ئورگانلىرى، شۇنداقلا ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى، دۆلەت بىخەتەرلىك ئىدارىسى، دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تور جىنايەتلىرى مەركىزى، تور بىخەتەرلىكى ۋە ئۇل ئەسلىھە بىخەتەرلىكى ئىدارىسى قاتارلىقلارمۇ قاتناشقان. مەزكۇر ئورگانلار ئۆز دۆلىتىدە ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرى ۋە ھەرىكەت پىلانى ھەققىدىكى تەكلىپلەرنى ئايرىم-ئايرىم ھالدا ئېلان قىلغان.

ئەنگلىيە دۆلەتلىك تور بىخەتەرلىك مەركىزى بۇ ھەقتە ئاگاھلاندۇرۇپ، تور ھۇجۇمى قوزغىغۇچىلارنىڭ مەخپىي ھەرىكەت تورلىرىدىن پايدىلىنىپ، دۆلەت بىخەتەرلىكى، ئىقتىسادىي پائالىيەتلەر ۋە خەلق تۇرمۇشىغا كۆرۈنەرلىك تەسىر كۆرسىتىدىغان مۇھىم ساھەلەرگە زەربە بېرىۋاتقانلىقىنى، بۇنىڭ پۈتۈن دۇنياغا تارقالغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

خىتاينىڭ خاككېرلىق ھەرىكەتلىرى پۈتۈن دۇنياغا سوزۇلغان بولۇپ، يېقىنقى يىللار مابەينىدە ئارقىمۇ ئارقا پاش بولماقتا. بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىر قىسىم ھەرىكەتلەرنىڭ كۆلىمىنىڭ چوڭلۇقى، يوشۇرۇن داۋاملاشقان مۇددىتىنىڭ ئۇزۇنلۇقى، ھەتتا دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ تور سىستېمىلىرىغىچە تەسىر كۆرسىتىشى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سەزگۈرلۈكىنى ئاشۇرۇپ كەلمەكتە.

بۇ خەۋەر 73 قېتىم كۆرۈلدى
27/04/2026 17:28:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق