تۈرك دۇنياسى بالىلار يىغىلىشىدا شەرقىي تۈركىستان بايرىقى لەپىلدىدى

 

تۈرك دۇنياسى تەتقىقاتلىرى ۋەقفىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن، ئىستانبۇلنىڭ كادىكۆي رايونىدا 26-نۆۋەتلىك «تۈرك دۇنياسى بالىلار يىغىلىشى» ئۆتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى 27-ئاپرېل ئۆتكۈزۈلگەن يۈرۈشتە شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى لەپىلدىتىپ، كوچىلارنى كۆك رەڭ بىلەن بېزىدى.

25-ئاپرېلدىن 1-مايغىچە ئورۇنلاشتۇرۇلغان ۋە «تىلىمىز بىر، قەلبىمىز بىر: تۈرك دۇنياسىنىڭ بارچە رەڭلىرى ئىستانبۇلدا» باش شوئار قىلىنغان مەزكۇر يىغىلىشقا شەرقىي تۈركىستان، ئەزەربەيجان، قازاقىستان، قىرغىزىستان، تۈركمەنىستان، تۈركىيە... قاتارلىق ئون نەچچە دۆلەتتىكى تۈرك مىللەتلىرىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان 250 ئۆسمۈر ۋە 40 ئوقۇتقۇچى قاتناشقان.

سۇتۇق بۇغراخان تەلىم-تەربىيە مەركىزىنىڭ ئوقۇغۇچىلىرى ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ يېتەكچىلىكىدە مەزكۇر يىغىلىشقا قاتنىشىپ، شەرقىي تۈركىستانلىق ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرىنىڭ ئاۋازىنى يەتكۈزدى. 27-ئاپرېل سۈھۈتلۈچەشمەدىن پورت مەيدانىغىچە داۋام قىلغان يۈرۈشتە ئۇيغۇرلارنىڭ ئەنئەنىۋى كىيىملىرىنى كىيىپ، شەرقىي تۈركىستان بايرىقىنى كۆتۈرگەن ئۇيغۇر ئۆسمۈرلىرى «ياشىسۇن شەرقىي تۈركىستان مۇستەقىللىقى» دەپ شوئار توۋلاپ ماڭدى. ئۇلار يەنە مەيداندا ئوقۇتقۇچىلىرى بىلەن بىرگە ساما ئۇسسۇلى ئويناپ، ھەرقايسى تۈرك مىللەتلىرىگە ئۇيغۇر سەنئىتىنى نامايان قىلدى.

 

بۇ خەۋەر 93 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2026 14:12:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق