خىتاي شىركەتلىرى رۇسىيە ۋە ئىران سەۋەبلىك قوش زەربە يېدى

بىر تۈركۈم خىتاي شىركەتلىرى رۇسىيە ۋە ئىران بىلەن بولغان مۇناسىۋىتى سەۋەبلىك جازاغا دۇچ كەلگەن بولۇپ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى ئىران نېفىتىنى سېتىۋالغان بىر خىتاي شىركىتىگە جازا يۈرگۈزۈش بىلەن بىرگە، ياۋروپا ئىتتىپاقى 20-قېتىملىق جازا تىزىملىكىگە بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرىنى كىرگۈزدى.

ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقىغا قاراشلىق چەت ئەل مۈلكى كونترول ئىدارىسى 24-ئاپرېل ئېلان قىلغان جازا تىزىملىكىگە خىتاينىڭ ئەڭ چوڭ خۇسۇسىي نېفىت پىششىقلاپ ئىشلەش شىركەتلىرىدىن بىرى بولغان خېڭلى نېفىت خىمىيەسى شىركىتىنى كىرگۈزگەن بولۇپ، ئالاقىدار باياناتتا خىتايدىكى نېفىت چەككىلەش زاۋۇتلىرىنىڭ ئىراننىڭ نېفىت ئىقتىسادىنى ساقلاپ قېلىشىدا ھالقىلىق رول ئوينىغانلىقى، خېڭلى نېفىت خىمىيەسى شىركىتىنىڭ بولسا ئىراننىڭ خام نېفىتىنى ۋە باشقا نېفىت مەھسۇلاتلىرىنى سېتىۋالىدىغان ئەڭ چوڭ خېرىدارلاردىن بىرى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرۈپ، خىتاينىڭ خەلقئارالىق قانۇن ئاساسى بولمىغان قانۇنسىز يەككە تەرەپلىك جازا يۈرگۈزۈشكە قارشى تۇرىدىغانلىقىنى، ئۆز شىركەتلىرىنىڭ قانۇنى ھوقۇقىنى قوغدايدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

بۇلاردىن سىرت، ياۋروپا ئىتتىپاقى كېڭىشى ئالدىنقى ھەپتە رۇسىيەگە قاراتقان 20-قېتىملىق جازا تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، جازا تىزىملىكىگە يېڭىدىن بىر قىسىم خىتاي شىركەتلىرىمۇ كىرگۈزۈلگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقى ئۇكرائىناغا 90 مىليارد ياۋرو قەرز بېرىش قارارىنى تەستىقلىغاندىن سىرت، ئىككى يىلدىن بۇيانقى كۆلىمى ئەڭ چوڭ بولغان مەزكۇر جازا تىزىملىكىنى ئېلان قىلغان. تىزىملىككە يېڭىدىن 120 شەخس ياكى شىركەت-ئورگان كىرگۈزۈلگەن. بۇلارنىڭ ئىچىدە خىتاي، بېلارۇسىيە قاتارلىق بىر نەچچە دۆلەتتىكى 16 شىركەت-ئورگان رۇسىيە ئارمىيەسىنى پۇقراۋى-ھەربىي قوش ئىشلىتىشچان مەھسۇلاتلار ۋە قورال سىستېمىسى بىلەن تەمىنلىگەنلىكى ئۈچۈن تىزىملىككە كىرگۈزۈلگەن.

يەنە 60 شىركەت-ئورگان تېخىمۇ قاتتىق ئېكسپورت چەكلىمىسىگە ئۇچرايدىغان بولۇپ، بۇلارنىڭ 21ى خىتايدا ياكى خوڭكوڭدا تىزىمغا ئالدۇرۇلغان. مەلۇم بولۇشىچە، ئۇلار رۇسىيە مۇداپىئە مىنىستىرلىقىنىڭ تېخنىكا يېڭىلىشىغا ياردەم بەرگەن.

ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ بۇ قارارى خىتاينى قاتتىق بىئارام قىلغاندىن كېيىن، خىتاي سودا مىنىستىرلىقى دەرھال ئۆچ ئېلىپ، 24-ئاپرېل ياۋروپا ئىتتىپاقىنىڭ ھېرستال شىركىتى قاتارلىق يەتتە شىركىتىنى ئېكسپورت كونترول تىزىملىكىگە كىرگۈزگەنلىكىنى ئېلان قىلدى. خىتاي بۇ قارارنىڭ پەقەت پۇقراۋى-ھەربىي قوش ئىشلىتىشچان مەھسۇلاتلارغا قارىتىلغانلىقىنى، ياۋروپا ئىتتىپاقى بىلەن بولغان نورمال سودا ئالاقىسىگە تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى دەۋا قىلدى.

بۇ خەۋەر 70 قېتىم كۆرۈلدى
28/04/2026 17:38:00
ئىنكاسلار
ئىنكاس يزىڭ
0 بۇ خەۋەرگە ئىنكاس يوق