
ئىتالىيە ساقچى دائىرىلىرى 27-ئاپرېل بايانات ئېلان قىلىپ، ئامېرىكا ئەدلىيە ئورگانلىرى تۇتۇش بۇيرۇقى چىقارغان بىر خىتاي خاككېرنى ئامېرىكىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. مەزكۇر خاككېر خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى مەزگىلىدە خىتاي رېجىمىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمى قوزغىغان.
فىرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خاككېرنىڭ ئىسمى ئاشكارىلانمىغان بولۇپ، ئۇ بۇلتۇر 7-ئاينىڭ بېشىدا ئىتالىيەنىڭ شىمالىدىكى مىلان مالپېنسا ئايرودۇرۇمىدا قولغا ئېلىنغان. ساقچىلار ئېلان قىلغان كۆرۈنۈشلەرگە ئاساسلانغاندا، ئۇ ئاللىبۇرۇن ئامېرىكا فېدېراتىپ تەكشۈرۈش ئىدارىسى خادىملىرىغا تاپشۇرۇپ بېرىلگەن.
باياناتتا قەيت قىلىنىشىچە، مەزكۇر خىتاي ئىلگىرى شاڭخەيدىكى بىر چوڭ تېخنىكا شىركىتىنىڭ باش ئىجرائىيە ئەمەلدارى بولۇپ ئىشلىگەن. تۇتۇش بۇيرۇقى چىقىرىلىشىدىكى سەۋەب بولسا، ئۇ خىتاي ۋىرۇسى يۇقۇمى ئەۋج ئالغان 2020-يىلىدىن 2021-يىلىغىچە بولغان مەزگىلدە، خىتاي رېجىمىنىڭ بۇيرۇقى بىلەن كەڭ كۆلەملىك تور ھۇجۇمى قوزغىغان.
خىتاي خاككېر ئۇ ۋە شېرىكلىرى ئېلخەت يۇمشاق دېتاللىرىدىكى يوچۇقلاردىن پايدىلىنىپ، ئامېرىكا ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، ئىلمىي تەتقىقات ئورگانلىرى ھەمدە يۇقۇمغا قارشى ۋاكسىنا ۋە ئىلغار داۋالاش تېخنىكىسى تەتقىقاتىغا قاتناشقان ئۇنىۋېرسىتېتلارنى نىشانلىغان. تور ھۇجۇمى نەتىجىسىدە ئامېرىكا تەۋەلىكىدىكى ئونمىڭلىغان شىركەت، شەھەرلىك ۋە يەرلىك ئورگانلار، ياۋروپا بانكا نازارەتچىلىك ئىدارىسى قاتارلىقلار زىيانغا ئۇچرىغان.
مەزكۇر خىتايغا بېكىتىلىدىغان جىنايەتلەر ئورتاق پىلان تۈزۈش، كومپيۇتېر سىستېمىسىغا قانۇنسىز سوقۇنۇپ كىرىش، تور ئالدامچىلىقى، كىملىك ئوغرىلاپ ئىشلىتىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، ئەڭ يۇقىرى بولغاندا نەچچە ئون يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن.
خىتاي رېجىمىنىڭ كونتروللۇقىدىكى خاككېر گۇرۇپپىلىرى ئۇزۇن يىللاردىن بۇيان تور ھۇجۇمى ئارقىلىق، باشقا دۆلەتلەرنىڭ ئىلغار تېخنىكىلىرىنى، ئەقلىي مۈلۈكلىرىنى، سودا مەخپىيەتلىكلىرىنى، پۇقرالارنىڭ شەخسىي ئۇچۇرلىرىنى ئوغرىلاش... قاتارلىق جىنايەتلىرىنى داۋاملاشتۇرۇپ كەلمەكتە. بىر نەچچە كۈن ئىلگىرى ئەنگلىيە، ئامېرىكا، ياپونىيە قاتارلىق ئون دۆلەت خىتايغا جايلاشقان ياكى خىتايغا چېتىشلىق يامان غەرەزلىك خاككېرلارغا قارشى ئورتاق ئاگاھلاندۇرۇش ئېلان قىلغانىدى.