
خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ماگناتى BYD شىركىتى 28-ئاپرېل تۇنجى پەسىلدىكى سانلىق مەلۇماتلىرىنى ئېلان قىلغان بولۇپ، بۇ يىل بىرىنچى پەسىلدىكى ساپ پايدىسى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55 تۆۋەنلىگەن.
ئالاقىدار خەۋەرلەردىن مەلۇم بولۇشىچە، BYD شىركىتىنىڭ بۇ يىل تۇنجى پەسىلدىكى تىجارەت كىرىمى 150 مىليارد 200 مىليون بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.8 تۆۋەنلىگەن؛ ساپ پايدىسى 4 مىليارد 80 مىليون يۈەن بولۇپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %55 تۆۋەنلىگەن. بۇ بىلۇمبېرگ ئاگېنتلىقى ئانالىزچىلىرىنىڭ مۆلچەرى بىلەن ئاساسەن ئوخشاش چىققان.
نۆۋەتتە خىتاينىڭ توكلۇق ئاپتوموبىل ساھەسىدە يېتەكچى ئورۇندا تۇرۇۋاتقان BYD شىركىتى خىتايدا باشقا ماركىلارنىڭ رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن. بۇلاردىن سىرت، خىتايدىكى ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ تۆۋەنلىشى ۋە ئاپتوموبىل سېتىۋېلىش تولۇقلىما سىياسىتىنىڭ چېكىنىشى شىركەتنىڭ سودىسىغا بېسىم ئېلىپ كەلگەن.
شۇنداقتىمۇ، خىتاي توكلۇق ئاپتوموبىل شىركەتلىرىنىڭ يەرشارىۋى بازاردىكى مونوپوللۇقى داۋاملىق زورىيۋاتقان بولۇپ، BYD شىركىتىنىڭ ئاپتوموبىللىرى سېتىلىش مىقدارى جەھەتتە يەنىلا دۇنيا بويىچە 1-ئورۇننى ساقلىماقتىكەن.